شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ۋېن شىن) 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مەخسۇس جۇڭگوغا كەلگەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جۇڭگوغا كېلىپ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللايدۇ، ھىندونېزىيەنىڭ تەرتىپ ۋە مۇقىملىقنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ، ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا ھىندونېزىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە ۋەنلۇڭ يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت مىللەت روھىغا باشتىن - ئاخىر ۋارىسلىق قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت چىقىشىپ ئۆتۈش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە ۋەنلۇڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ توغرا يۆنىلىشنى بېكىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ھەتتا پۈتۈن دۇنيا قاتلىمىدا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «2+2» سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ دۆلەتلەر، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.
پرابوۋو دۆلەت ئىچى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگو ياخشى دوستلار، ھەقىقىي دوستلار. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھىندونېزىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.