شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

2025-09-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، خۇاڭ ياڭ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھەم خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى 10 - ئايدا مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالىغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى «بىر ئورۇندا ئىككى تەكشۈرۈش» ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمى رەسمىي ئىمزالاندى، چوڭ تۈرلەر ھەم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ پۇل - زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىق مول ئۈنۈملۈك بولدى، بۇ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە ئۈلگىلىك رولىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىگە يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 12 - قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرۈشى ۋە ئۇنى ياخشى ئېچىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو - لائوس تۆمۈريول تىجارىتى ۋە لىنىيە بويىنى ئېچىشنى تۇتقا قىلىپ، «ئالتۇن چوڭ يول»نىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇداپىئە ئىشلىرى، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان قىمار ئويناش، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى قاتارلىقلارغا سىجىل تۈردە يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوسنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەت ھەمراھى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، لائوس تەرەپ بىلەن جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى ھەمكارلىقى، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق رايون مېخانىزمىدا ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

تۇڭلۇن جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لائوس تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر لائوس - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لائوس - جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، لائوس - جۇڭگو تۆمۈريولىدا «بىر ئورۇندا ئىككى تەكشۈرۈش» كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ لائوسنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەت ھەمراھى بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا سەھنىدە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تۇڭلۇن يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ لائوس پارتىيەسىنىڭ 12 - قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرۈشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، ساۋ جيايۆ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ۋە مۇستەھكەملىنىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كۇبا ئىككى تەرەپ تەقدىرداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدىغان ئالاھىدە دوستلۇقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ سەمىمىي ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ قۇربى يەتكەن دائىرىدە كۇبا تەرەپنى داۋاملىق ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ؛ بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 77 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە داۋاملىق ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەك، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە كۇبا تەرەپنىڭ ئارىلىشىش ۋە قامال قىلىشقا قارشى تۇرۇش ھەققانىي كۈرىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

دىئاز - كانېل مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق، قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ. كۇبا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق، دوستلۇقى مۇستەھكەم. كۇبا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كۇبانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى خالىس قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. كۇبا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، تامامەن قوللايدۇ، پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە كۇبا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئەمەلىي ھەمكارلىق، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرلىك يېزا ئىگىلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، شاۋ يىبو) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مىنانگاگۋا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو - زىمبابۋې دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن زىمبابۋې دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ «بەش يۇلتۇزلۇق تەۋرەنمەس» دوستلۇقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭگو ۋە ئافرىقا، ھەتتا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە زىمبابۋې تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئىزدىنىشىنى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشى ۋە قانۇنسىز جازالىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو - زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى كۆتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كانچىلىق، مەبلەغ سېلىش، سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ زىمبابۋې تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، زىمبابۋېنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسىنى ياخشى قۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مىنانگاگۋا مۇنداق بىلدۈردى: تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. زىمبابۋې - جۇڭگو مۇناسىۋىتى 45 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، مۇستەھكەملەندى. زىمبابۋې تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە مۇھىم رولىنى كۈنسېرى جارى قىلدۇرماقتا. زىمبابۋې تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار تەشەببۇسلارنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، خۇاڭ ياڭ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كونگو(بىراززاۋېل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى جۇڭگو - كونگو يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتى جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئۈلگىسى. كونگو(بىراززاۋېل) ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۇنجى بولۇپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان دۆلەت بولۇپ، ناھايىتى تېزلا تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىدىن نەپكە ئېرىشىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ. كونگو(بىراززاۋېل) يەنە تۇنجى بولۇپ خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىغان ئافرىقا دۆلىتى. جۇڭگو - كونگو يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ ئىش كۆرۈشى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئىشىنىش سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ، ھەمكارلىق، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كونگو(بىراززاۋېل) جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇپ، يېشىل كەسىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە چىقىم قىلىش، پەن - تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جاسارىتى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى قوغداپ، كەلگۈسىنى ياراتقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. كونگو - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئورتاق گۈللىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى رامكىسى بېكىتىپ بەردى. كونگو تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كونگو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. كونگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ، بۇ مۇھىم تەشەببۇس تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. كونگو تەرەپ جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى يولغا قويغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئافرىقا − جۇڭگو سودا سىياسىتىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، ساۋ جيايۆ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېربىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا جەڭ مەيدانىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا فاشىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىق بەردى، مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو - سېربىيە ئىككى دۆلەت توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆز ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سېربىيە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتقان ياۋروپا دۆلىتى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جانجىگەر دوست بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا كېلىشىمى ھەم ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قاتارلىق قولايلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى رەئىس شى جىنپىڭ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مۇھىم تەشەببۇس، بۇنىڭ ئىچىدە ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور، سېربىيە تەرەپ تامامەن قوللايدۇ. سېربىيە بىلەن جۇڭگو جانجىگەر دوست، سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ سېربىيە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. سېربىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېربىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، يۈەن رۇي) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، يوللۇقلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، يولسىزلار يار - يۆلەكسىز قالىدۇ، غەلىبە مۇقەررەر ھەققانىي تەرەپكە مەنسۇپ. جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي تۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنامنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىپ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 14 - قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يولداش ھەم قېرىنداشلىق روھى ئاساسىدا، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزۈشى كېرەك. يەككە تەرەپچىلىك، ئورمان قائىدىسى تەتۈر ئېقىمى ئالدىدا، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر مۇرەسسەچىلىك قىلىش، يول قويۇشنىڭ چىقىش يولى يوقلۇقىنى، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرغاندىلا ئۈمىد بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. مېنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم دەل يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

لياڭ چياڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى مەيدان مۇھىم پائالىيەت جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى نامايان قىلدى. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ۋيېتنام - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، يۇقىرى قاتلام ئۇچرىشىشى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋيېتنام ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ۋەزىيىتى ئالدىدا، ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەتئىي راۋاجلاندۇرىدۇ. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە خەلقئارا سودا قائىدىسىنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، خۇاڭ ياڭ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيە ئىككى دۆلەت ئىلگىرى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، مۇھىم تارىخىي تۆھپە قوشقان. ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ئىككى تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقتا چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، سىلوۋاكىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

فىسو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن دۇنياغا ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ دېگەن كۈچلۈك ئۇچۇرنى يەتكۈزدى، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەن تەكلىپ بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ بۇ كاتتا ئىشقا گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم. سىلوۋاكىيە بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى تېز، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. سىلوۋاكىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى