شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بىلەن جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025-09-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى كېللېر - سۇتتېر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان، تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ «باراۋەر بولغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان» جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەن جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس كېللېر - سۇتتېر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد - سودا، مالىيە - پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە ئىجادىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

كېللېر - سۇتتېر مۇنداق بىلدۈردى: 75 يىلدىن بۇيان، شىۋېيتسارىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان، مۇستەھكەم ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. 2014 - يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى، 2016 - يىلى ئىجادىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىۋېيتسارىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى ئابىدە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقى ۋە چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شىۋېيتسارىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە دوستانە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.