چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئالدىدا مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى
خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى
41 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مائارىپ خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 41 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مائارىپ خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ داشۆنىڭ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونىغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەسلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ بىڭتۇەن 2 - ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، مەكتەپنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا بايراملىق گۈزەل تىلەك تىلىدى.
سۆھبەت يىغىنىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، مەملىكەتلىك نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچىلار، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى، ياشانغان ئوقۇتقۇچىلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالماشتۇرۇلغان ئوقۇتقۇچىلار، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەككىز ۋەكىلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس»نى ياخشى سۆزلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ يېتەكچىلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئوقۇتۇش باسقۇچىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنىڭ ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى باشقۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ تۇتاشقان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلاپ، مائارىپنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، مائارىپچىلار روھى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، جەمئىيەتتىكى ئورنى، كەسپىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جەمئىيەتتە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە قىلىش، بۇ كەسىپنى جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرسخانا، دەرسلىك، تور، مەكتەپ ئىدىيە - مەدەنىيەت بازىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.
قەيسەر ئابدۇكېرىم، لى شۈ پائالىيەتكە قاتناشتى.