شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلانىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.