جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2025-09-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ھەم كۆردى

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەخمىنەن 6000 نەپەر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلار بىلەن بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى ناخشا ساداسى ياڭراپ، غەلىبە سەھىپىسى كۈيلەندى؛ مەردانە ئۇسسۇللار ئوينىلىپ، ھەققانىيەت كۈچى نامايان قىلىندى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەخمىنەن 6000 نەپەر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلار بىلەن بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆرۈپ، بۇ شانلىق كۈننى بىرلىكتە خاتىرىلىدى.

خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى. سەھنە دېكىراتسىيەسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك چوڭ خەتلەر كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ھەيۋەتلىك، كۆركەم سەددىچىن سېپىلىنىڭ شەكلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تىز پۈكمەيدىغان مەنىۋى ئومۇرتقىسىغا سىمۋول قىلىنغانىدى.

كېچىلىك باشلىنىشتىن ئىلگىرى، پىيونېرلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرىگە گۈل تەقدىم قىلدى. ئارقىدىن، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار پىيونېرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، چوڭ زالدىكى تاماشىبىنلار ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

سائەت 19دىن 55 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شادىيانە قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ياڭرىدى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار چوڭ زالغا كىرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

سەككىز قېتىم چېلىنغان ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك قوڭغۇراق ساداسى ئىچىدە، مۇزىكا، دېكلاماتسىيە، كۆرۈنۈش كىرىشتۈرۈلگەن «تاغ - دەريالار مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ» ناملىق نومۇر بىلەن پۈتۈن كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

1 - مەيدان «نەرە تارت، خۇاڭخې دەرياسى»دا، كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن «جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە»، كۆرۈنۈشلۈك ناخشا - ئۇسسۇل «قان بىلەن بويالغان ئاق قېيىن ئورمانلىقى»، ئۇسسۇل «ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىش» نومۇرلىرىدا تەسىرلىك ۋە قايغۇلۇق ھېسسىيات ئىپادىلەندى، «نەرە تارت، خۇاڭخې دەرياسى» ناملىق دېكلاماتسىيە ۋە ئومۇمىي خوردا مەردانىلىك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقىرىقى ۋە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئاتلانغان جەسۇرانە كۈرىشى ئىپادىلەندى. 2 - مەيدان «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى يورۇتتى»دا، كۆرۈنۈشلۈك شېئىر دېكلاماتسىيەسى «بۇ نۇر»، ئۇسسۇللۇق ناخشا «يەنئەن! يەنئەن!» قايناق ھېسسىياتقا تولغان، كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن «گەمە ۋە ئاكوپ» كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلانغانلىقى نامايان قىلىندى. 3 - مەيدان «يېڭىلمەس كۈچ»تە، گۇرۇپپىلىق ئۇسسۇل ۋە گۇرۇپپىلىق ناخشا «ھەممە جاينى قاپلىغان ئۇرۇش ئوتى»، كۆرۈنۈشلۈك دىراما «مەڭگۈلۈك نام» ۋە ئەرلەر كوللېكتىپ ئۇسسۇلى «ئاخىرغىچە قان كېچىپ جەڭ قىلىش» غەيرەت - شىجائەتكە تولغان بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئۇرۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى نامايان قىلىندى. 4 - مەيدان «تاڭ سەھەرنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش»تە، ئۇسسۇل «شامالدا پەرۋاز قىلىش»، كۆرۈنۈشلۈك ناخشا «ئۆچمەس مېلودىيە»، ناخشا «نامسىز قەھرىمانلار ئوردېنى» مەردانىلىككە ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ غايەت زور قۇربان بېرىش ئارقىلىق، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا تىرەك بولۇپ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسى كۈيلەندى. 5 - مەيدان «مەڭگۈلۈك ھەققانىيەت»تە، كۆرۈنۈشلۈك دىيالوگ «ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشتى» سەمىمىي ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، مۇراسىم ھۆرمەت قاراۋۇللىرى نومۇرى «ھەققانىيەتنى قوغداش»، باشلاپ ئېيتىش ۋە ئومۇمىي خور «توسۇۋالغىلى بولمايدۇ» نومۇرى ئويۇننى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ، ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلدى. ئاخىرلىشىش ھالقىسىدىكى ئۇسسۇللۇق ناخشا «تەقدىرداش بولۇش»تا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىناق ھەمكارلىشىش مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى.

ئويۇن ئاخىرلاشقاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى، قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

پۈتۈن مەيدان كېچىلىكتە زامان - ماكان ھالقىغان تارىخ، زامان - ماكان ھالقىغان سەنئەت، زامان - ماكان ھالقىغان ھېسسىيات گىرەلەشتۈرۈلۈپ ۋە يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ھەيۋەتلىك تارىخى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولى گەۋدىلىك ئىپادىلەندى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى قەھرىمانلىق زەپەر مارشى ياڭرىتىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشتەك روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى كېچىلىكنى كۆردى.

كېچىلىككە قاتناشقان ۋە كۆرگەنلەردىن يەنە: مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، گومىنداڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار.