مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2025-09-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 18 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور تەدبىر بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىستېمال بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماق تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي تەلىپى: «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرنى ئېچىۋېتىش». «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» بازار ئاساسىي تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ئادىل رىقابەت، سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بازار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئوبوروتى، ئۇچۇر ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، زامانىۋى سودا ئوبوروت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا، قايسىلىرىنى قىلىش، قايسىلىرىنى قىلماسلىق توغرىسىدا ئېنىق قائىدە بولۇش، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىق؛ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، مەمۇرىي جازا ئۆلچەش ئاساسىي ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر ئۆلچەم بىلەن ئاخىرغىچە ئۆلچەش؛ ئامىل بايلىقى بازىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەركىن يۆتكىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقنىڭ خاتا سەپلىنىشى ۋە بىكار تۇرۇپ ئىسراپ بولۇشىنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ. «بىرنى ئېچىۋېتىش» ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش ئالاقىسىنى يولغا قويۇپ، يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جاھىل ئۆسمىلەرنى تازىلاش كېرەك. بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ تۆۋەن باھادا تەرتىپسىز رىقابەتلىشىشتەك قالايمىقان ئەھۋاللارنى كۈچەپ تۈزەش كېرەك. «ئىچكى بىنورمال رىقابەت» ئېغىر ئاپەت رايونىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك. ساھە بىرلەشمىلىرىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك چېكىندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىشتىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى كۈچەپ تۈزەش كېرەك. ئەڭ تۆۋەن باھادا خېرىدار بولۇش، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، مەنپەئەت جەھەتتە تىل بىرىكتۈرۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەش كېرەك. ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خېرىدار بولۇش نەتىجىسىنىڭ ئادىللىقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، يەرلىكنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى قالايمىقان ھادىسىلىرىنى كۈچەپ تۈزەش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن يەرلىكنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ھەرىكىتى تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ئىلھام بېرىدىغان ۋە مەنئى قىلىدىغان كونكرېت ھەرىكەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئېكسپورت تاۋارلىرىنى ئىچكى قىسىمدا سېتىشقا ئۆزگەرتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ بىردەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى سودىغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، نىزام - تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش كېرەك. كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. بازارنىڭ بىرلىكىگە پايدىلىق مالىيە - باج تۈزۈلمىسى، ئىستاتىستىكىلىق ھېسابات تۈزۈمى ۋە ئىناۋەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنى كۈچەپ تۈزەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، شۇنداقلا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مەركەز بىلەن يەرلىك، يەرلىك بىلەن يەرلىك، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، كارخانا بىلەن كارخانا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالغا سىلجىتىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.