10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتىدا ئومۇميۈزلۈك ئېلېكتىرونلۇق تالون ئىشلىتىلىدۇ

2025-09-09 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورت ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلېكتىرونلۇق تالون ئىشلىتىلىدىكەن، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پويىزغا چىققان يولۇچىلار، قەغەز نۇسخىدىكى ئاتچوت قىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەنمەيدىكەن.

  2025-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورت ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلېكتىرونلۇق تالون ئىشلىتىلىدۇ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پويىزغا چىققان يولۇچىلار قەغەز نۇسخىدىكى ئاتچوت قىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەنمەيدۇ. يولۇچىلار سەپەر ئاخىرلاشقان ياكى بېلەت قايتۇرۇش، پويىزغا چىقىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرگەن كۈندىن باشلاپ 180 كۈن ئىچىدە، تۆمۈريول 12306 ياكى ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  ياشانغانلار، تورغا چىقالمايدىغان كىشىلەر قاتارلىق مەشغۇلات قىلىشى قولايسىز يولۇچىلار توپىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تالون ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆمۈريول تارماقلىرى تور سىرتىدىكى ئىلتىماس قىلىش يوللىرى ۋە بېلەت سېتىۋالغۇچى (ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى) تالون كەستۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۆپەيتتى.

مەملىكەت بويىچە تۇنجى پويىز بېلىتى ئېلېكتىرونلۇق تالونى

 بۇنىڭدىن باشقا، بېلەت سېتىۋالغۇچى (ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى) پويىزغا ئولتۇرغۇچى ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان پويىز بېلىتى ۋە بېلەت قايتۇرۇش ھەققى، پويىزغا چىقىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيەت ھەققى توغرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

   يولۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق تالون كەستۈرگەندىن كېيىن، تۆمۈريول 12306، شەخسىي تاپاۋەت بېجى Appسى ئارقىلىق تەكشۈرسە، تۆمۈريول ئېلېكتىرونلۇق تالونىنى چۈشۈرسە ياكى پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق تالوننى تاپشۇرۇپ ئالسا بولىدۇ؛ ئەگەر تالون ئۇچۇرىنى تولدۇرۇشتا خاتالىق كۆرۈلسە، كارخانا ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئەسلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىش ۋاقىت چېكى ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

   قەغەز نۇسخىدىكى ئاتچوت قىلىش ئىسپاتىنى مۇساپە كۆرسەتمىسى قىلىشقا ئادەتلەنگەن بىر قىسىم يولۇچىلار، ۋوگزالنىڭ ئادەملىك مۇلازىمەت كۆزنىكى، ئۆز مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرىگە بېرىپ «مۇساپە ئۇچۇرى كۆرسەتمە تالونى»نى بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدۇ.

  (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ۋاڭ شەنتاۋ)

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى