(2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى)
شى جىنپىڭ
مېھمانلار، دوستلار، يولداشلار:
ئالدى بىلەن، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ كەلگەنلىكىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن! بۇ جايدا ئولتۇرغان ھەرقايسىڭىزلارنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى غەلىبە خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى 14 يىل قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ياپون مىلىتارىزمى تاجاۋۇزچىلىرىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇتلەق غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئېغىر كىرىزىسكە پېتىپ قېلىشتىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى.
بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنى جۇڭگو خەلقى فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھەم ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن. جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستلارنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بىز كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسىتىمىز تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش.
تارىخ بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ھەققانىيەتكە بولغان ئېتىقادتىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، تىنچلىق ئارزۇسىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ كۈچىنى يەڭگىلى بولمايدۇ!
قىسقا مۇددەتلىك رىقابەتتە ئەمەلىي كۈچ ئاساس، ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا داۋلى ئاساس. ھەققانىيەت، يورۇقلۇق، ئىلغارلىق جەزمەن رەزىللىك، قاراڭغۇلۇق، ئەكسىيەتچىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيادا توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيسى پاك تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
ئىنسانلار ئوخشاش بىر پىلانېتادا ياشايدۇ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يۇتۇۋالىدىغان ئورمان قائىدىسىگە قايتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
خەلق تارىخنى ياراتقۇچى، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگو مەڭگۈ دۇنيانىڭ تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، ئىلگىرىلەش كۈچى بولىدۇ. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!
ھازىر مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ئۈچۈن،
ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن،
قەدەھ كۆتۈرەيلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)