− جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى توغرىسىدا خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ۋاقىت ئىسترېلكىسى يېڭى تارىخىي شىكالىنى كۆرسەتتى −
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلقنىڭ كاتتا مۇراسىمى.
ھەر ساھە ۋەكىللىرى ۋە ئامما بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا جەم بولۇپ داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەت كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى ياراتتى.
1931 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە، جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز جاپالىق، قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى 1 - قېتىملىق مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
1945 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى جۇڭگو خەلقىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشكە رىغبەتلەندۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبالىنى گەۋدىلەندۈردى.
تارىخىي ئەسلىمە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىش مۇقەررەر غەلىبە قىلىدۇ!»
(1)
باش كۈزدىكى بېيجىڭ، كۆك ئاسمان ۋە كەڭ تۇپراق.
رېمونت قىلىنىپ يېپيېڭى تۈسكە كىرگەن تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى چوڭ ساراي ئىچىگە «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش» دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە غايەت چوڭ رەسىم ئېسىلغانىدى: ئالتۇن رەڭگە كىرگەن ئورمانلار، چوغدەك قىزارغان تاغلار ئارىسىدا، سەددىچىن سېپىلى خۇددى بىر غايەت چوڭ ئەجدىھادەك ئەگرى - بۈگرى ئايلىنىپ تۇراتتى.
چوڭ ساراي سىرتىدا، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە 80 قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، 14 تۇر «1945» «2025» دېگەن خەتلەرنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەيداننىڭ كۆرۈش سۇپىسى سېپىل قىزىلى، زەيتۇن يېشىلى، ئالتۇن رەڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي رەڭدە بولۇپ، شەكلى ئۈچ غايەت زور «人» خېتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، «众» خېتى شەكلىنى ھاسىل قىلغانىدى.
سائەت 8دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى شېن بىڭچېن، جاڭ پىڭ، ليۇ شىيۆ، فۇ يىڭ، لو جىڭخۇي، سۇڭ چىشياڭ بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش يىغىنىغا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، پېشقەدەم خەلق ئەسكەرلىرى، يەرلىكتىكى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى نەق مەيدانغا كېلىپ پاراتنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىندى.
كۆرۈش سۇپىسىدا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان 97 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچى چى يىڭنىڭ مەيدىسىدىكى ئوردېن چاقناپ تۇراتتى: «12 يېشىمدا 8 - ئارمىيەگە قاتناشتىم، 1949 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، بۈگۈن ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. قۇربان بولغان سەپداشلارنىڭ قېنى بىكارغا ئاقمىدى».
«مېنىڭ ئۆيۈم شەرقىي شىمالدىكى سۇڭخۇاجياڭدا، ئۇ جايدا مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بار» «دۈشمەن قەيەردىن ھۇجۇم قىلسا، بىز ئۇنى شۇ يەردە يوقىتىمىز» «ماكانىمىزنى قوغدايمىز، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغدايمىز، خۇابېينى قوغدايمىز، پۈتۈن جۇڭگونى قوغدايمىز» «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»...
1000دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىر تونۇش مېلودىيەنى ياڭراتتى، خور ئۆمىكىنىڭ جاراڭلىق ناخشا ئاۋازى خۇددى ھەيۋەتلىك داستانغا ئوخشاش، ئاشۇ بۆلەك غەيرەت - شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرغان، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدىغان ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان يىللارنى بايان قىلدى. خاتىرىلەش يىغىنى نەق مەيدانىدىكى كىشىلەر توپى ئىختىيارسىز ھالدا خور ئېيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئورتاق ساداسىنى ئۇرغۇتتى.
ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئېقىنىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتى جۇش ئۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ داۋاملىق دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، جۇڭگو يولى تېخىمۇ كېڭەيدى، جۇڭگو كۈچىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
«ھەيۋەتلىك بولغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، بىزنى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، يول بويى ئالغا ئىلگىرىلەشكە مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ ۋېيرېن.
مۇشۇ پەيتتە، شەرقىي چاڭئەن كوچىسىدا، ھەربىي قورال - جابدۇقلار كۆزنى چاقنىتاتتى، مۇھىم جابدۇقلار سەپ تۈزۈپ تۇراتتى، خەلق ئارمىيەسى رەتلىك قىياپىتى، ھەيۋەتلىك تۇرقى، كۆتۈرەڭگۈ روھى بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى كۈتمەكتە ئىدى.
چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتى، چاڭبەيشەن تېغى ۋە خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدىن نەنخەي دېڭىزى ساھىلىغىچە، جياڭنەندىكى سۇ ماكانىدىن چۆل - باياۋانغىچە، نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈش ۋە ئاۋاز بىۋاسىتە كۆرسىتىش سىگنالىغا ئەگىشىپ جۇڭگو زېمىنىغا كەڭ تارقالدى.
سائەت 8دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەم پاراتنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان خەلقئارادىكى سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئەربابلار تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
(2)
سائەت دەل 9دا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى باشلاندى.
80 پاي ھۆرمەت توپى يەر - جاھاننى لەرزىگە سالدى، دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى كۈچلۈك، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىن بايراق چىقىرىش رايونىغا قاراپ ماڭدى.
80 يىلدا، ئۇلۇغ غەلىبىدىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلاندۇق. بۇ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىق يولى، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىش، خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشىش يولى، تىنچ تەرەققىي قىلىش، تەقدىرداش بولۇش يولى.
«قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار! گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى...»
پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە «پىدائىيلار مارشى»نى ئۈنلۈك ئېيتتى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.
سائەت 9دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا مۇھىم سۆز قىلدى −
«مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلارغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!»
بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، قەھرىمانلارغا بولغان مەدھىيەسى.
پىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبىدە ياپون قاراقچىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتىن 100 تۇەن ئۇرۇشىنىڭ قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىشىغىچە؛ سۇڭخۇ بىرلەشمە جېڭىدىكى «قان - گۆش تۈگمىنى»دىن تەيئېرجۇاڭ جېڭىدە روھلىنىپ قەددىنى كۆتۈرۈشكىچە، جۇڭخۇا زېمىنىدا قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، بىر مىللەتنىڭ تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىشىغا تىرەك بولدى.
كۆرۈش سۇپىسىدا، جياڭجۈن تۇڭ لىنگېنىڭ نەۋرىسى تۇڭ شياۋدۇڭ ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، چوڭقۇر ئويغا چۆمدى: «ئاشۇ تارىخىي ئابىدىگە ئويۇلغان ئىسىملار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ماياكى».
دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، تاغنى تالقان قىلغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تارىخى ھەقىقەتەن ئوتتۇرا ئېقىندا مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولغان، جىددىي ۋەزىيەتنى كۈچەپ ئوڭشىغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت تارىخى.
دۆلەت مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، زور جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇمىيىتىنى قوغداپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈمىدىنى تۇتاشتۇردى.
دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، جۇڭگو خەلقى ئېگىلمەس - سۇنماس جاسارەت بىلەن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى بىلەن مۇستەھكەم سېپىل قۇردى.
مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، تېلېۋىزوردىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈۋاتقان يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى ليۇ نى ئۇزاققىچە ھاياجېنىنى باسالمىدى: «تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارغا چاقىرىق قىلىپ، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى يېڭىشتەك سەلتەنەتلىك داستاننى پۈتتى، شۇنداقلا مۇقەررەر يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرىدۇ».
80 يىل ئىلگىرىكى بۇ غەلىبە نېمە ئۈچۈن ئۇلۇغ؟
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو خەلقى غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى قۇتقۇزۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى».
دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى.
دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا باشلانغان ۋاقتى ئەڭ بالدۇر، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، تۆلىگەن بەدەل ئەڭ ئېغىر بولغان جۇڭگو جەڭ مەيدانى ياپون مىلىتارىزمىنىڭ ئاساسلىق ئەسكىرىي كۈچىنى ئۇزاق مەزگىل ئىسكەنجىگە ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا تىرەك بولدى.
خاتىرىلەش ئەجدادلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تىنچلىقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشى، ھەققانىيلىقنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر.
«ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، ئاندىن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، ئۇرۇش مەنبەسىنى تۈگىتىپ، تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ!»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىققا تەلپۈنىدىغان، تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىنچلىقنى قەتئىي قوغدايدىغان ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.
ئون يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم نەق مەيدانغا كېلىپ پاراتنى كۆرگەن گېرمانىيەلىك دوست توماس رابې چوڭقۇر ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئىززەت - ھۆرمەت بوۋامغا − نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە نۇرغۇن جۇڭگولۇقنى دالدىلىنىدىغان جاي بىلەن تەمىنلىگەن جون رابېغا مەنسۇپ.
«جۇڭگو رەھبىرى تىنچلىقنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇنى تەكىتلىدى، بۇ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە دەۋر مەسئۇلىيىتىگە تولغان.» توماس رابې مۇنداق بىلدۈردى: تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلىگەندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈچلۈك چاقىرىق قىلدى −
«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!»
(3)
«ئۈلگە ئەسكەرلەر ئۆز ئورنىغا كەلدى!»
سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، 60 نەپەر ئۈلگە ئەسكەر مەردانە، كۈچلۈك ھۆرمەت قەدىمى تاشلاپ، شەرق ۋە غەربتىكى خۇابياۋ ئالدىدا تەرتىپ بويىچە ئۆز ئورنىغا كەلدى، ھەربىي پارات باشلاندى.
جۇشقۇن بۇرغا ئاۋازى مەيداندا ياڭرىدى، رەئىس شى جىنپىڭ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلى بىلەن چاڭئەن كوچىسىغا كېلىپ، پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىمنىڭ ئەڭ ئالدىدا پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقىغا نەزەر سالىمى بەردى.
بايراق يۆنىلىش دېمەكتۇر، بايراق كۈچ دېمەكتۇر. ئۈچ بايراق سانسىز قېتىم قان بىلەن ئوتنىڭ تاۋلىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنى توختىماي ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.
«ھۆرمەت سالىمى − » چاسا ئەترەت قوماندانى بۇيرۇق بەردى، پاراتتىن ئۆتىدىغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ كۆزلىرى ئوتتەك نۇرلىنىپ، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇدى.
«يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!» «رەئىس ياخشىمۇسىز!»
«يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!» «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!»
سەمىمىي ئەھۋال سوراشقا ئىشەنچ ۋە غەمخورلۇق سىڭگەنىدى؛ ياڭراق جاۋاب ئاۋازى تاغنى تالقان قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە تولغانىدى.
«پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز! غەلىبىلىك جەڭ قىلىمىز! ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرىمىز!» «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!» رەئىس شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن قايتىۋاتقاندا، پاراتتىن ئۆتىدىغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدى.
سائەت 9دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلاننىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى يىراقتىن يېقىنلاپ كەلدى، ھەربىي پارات مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.
26 تىك ئۇچار ئايروپىلان بىرلىكتە غايەت زور «80» دېگەن خەتنى ھاسىل قىلدى، ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلان پىلاكاتلارنى ئېسىپ، تيەنئەنمېن مەيدانى ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.
بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغان تۇنجى قېتىملىق ھەربىي پارات، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ يېپيېڭى نامايان قىلىنىشى −
ھەربىي پاراتتا 45 چاسا (پەلەمپەيسىمان) ئەترەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پاراتتىن ئۆتىدىغان خادىملار ئاساسلىقى ئىلگىرىكى 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيە، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى، خۇانەن پارتىزانلار ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا، پارتىيەمىز ئەسكەرلەر بىلەن خەلق غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باش فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، دۈشمەن ئارقا سېپى جەڭ مەيدانى ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇرۇپ، نۇرغۇن دۈشمەننى ئۈنۈملۈك ئىسكەنجىگە ئېلىپ ۋە يوقىتىپ، شانلىق جەڭ نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.
غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىن كەلگەن پاراتتىن ئۆتىدىغان 29 ياشلىق ئەسكەر دۇ نىڭشىن 3 - قېتىم ھەربىي پارات مەيدانىغا قەدەم قويدى. ئۇ ئېگىز كۆتۈرگەن «جىنگاڭزۈەن» جەڭ بايرىقىغا ئېسىل ئەنئەنە مۇجەسسەملەنگەنىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە، يېڭى دەۋردىكى ھەربىيلەر ئەجدادلىرىغا ئوخشاش باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، شان - شەرەپنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى.
دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش كېرەك، ئارمىيە قۇدرەت تاپسا، ئاندىن دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ.
بۈگۈنكى خەلق ئارمىيەسى قەيسەرانە كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، قىزىل ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايدىغان پولات سېپىلىدۇر.
بۇ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش يېڭى قىياپىتىنىڭ، كۈچ قۇرۇلمىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەشنىڭ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش يېڭى ئۈنۈمىنىڭ مەركەزلىك نامايان قىلىنىشى −
پىيادىلەر چاسا ئەترىتى يېتىپ كەلدى!
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى ۋە ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمىدىن ئىبارەت «تۆت ئارمىيە تۈرى + تۆت قىسىم تۈرى» بولغان يېڭىچە ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۇنجى قېتىم پاراتتىن كوللېكتىپ ئۆتتى، ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرىنىڭ بايرىقى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بايرىقى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك نامايان قىلىندى.
تاغنى تالقان قىلىدىغان جەڭگىۋار قىياپىتى بىلەن 13 چاسا ئەترەت رەتلىك ھالدا كۈچلۈك، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ ئارمىيە ھەيۋىسىنى نامايان قىلدى، دۆلەت قۇدرىتىنى نامايان قىلدى.
زاپاس ئەسكەرلەر قىسمى چاسا ئەترىتى قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭدى، پاراتتىن ئۆتكەن خادىملار ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەنلەر بولۇپ، زاپاس ئەسكەرلەر كۈچىنىڭ چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان شەرەپلىك بۇرچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
10 - رەتتىكى ئەزا خۇڭ يىندا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جىشى ناھىيەسى ياڭجى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا راكېتا ئارمىيەسى زاپاس ئەسكەرلەر 2 - بازىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك زاپاس ئەسكىرى بولۇپ، «فورمىنى كىيىپ گازارمىغا قايتىش، جەڭ ئورنىغا ئاتلىنىش، جەڭ مەيدانىدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش» ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تەييار تۇرغان تەنتەنىلىك ۋەدىسى ئىدى.
خەلق ئەسكەرلىرى چاسا ئەترىتىنىڭ قىياپىتى مەردانە بولۇپ، پاراتتىن ئۆتكەن ئايال خەلق ئەسكەرلىرى ئەينى يىللاردىكى مەملىكەت بويىچە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئاساسلىق تايانچ بازىلىرىدىن كەلگەن.
ئەترەت يېتەكچىسى لى يىتۇڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يىشيەن ناھىيەسىدىن كەلگەن. بۇ قەھرىمان زېمىندا، ئۇ يۇرتداشلار بىلەن لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىماننىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.
جابدۇق چاسا ئەترىتى يېتىپ كەلدى!
ئەمەلىي جەڭ بويىچە بىرلەشمە گۇرۇپپىلانغان قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش توپى، دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش توپى، ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش توپى، ئۇچۇر ئۇرۇشى قىلىش توپى، ئادەمسىز ئۇرۇش قىلىش توپى، ئارقا سەپ - جابدۇق كاپالىتى توپى، ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش توپى تەرتىپ بويىچە پاراتتىن ئۆتتى، قورال - جابدۇقلار دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىپ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسىي ئۇرۇش جابدۇقلىرى ئىچىدىن تاللانغان بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى تۇنجى قېتىم نامايان قىلىنغانىدى.
دۆلەتنىڭ مۇھىم جابدۇقلىرىنىڭ كەينى - كەينىدىن پاراتتىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نەق مەيداندا پاراتنى كۆرۈۋاتقان جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 9 - تەتقىقات ئورنى جياڭبېي شىركىتىنىڭ رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك ئىشچىسى يەن مىن قاتتىق ھاياجانلاندى: «1 - سەپ سانائەت ئىشچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، مەن ھەربىر تال ۋېنتىنى جان كۆيدۈرۈپ چىڭىتىمەن».
پولات ئېقىم مەۋج ئۇرۇپ، ھەيۋىسى دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. «دۇڭفېڭ −5C » سۇيۇق يېقىلغۇلۇق قىتئەلەر ئارا ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان يادرو بومبىسى تىنچلىق قالقىنى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۆتكۈر قورال بولۇپ، قورال - جابدۇق چاسا ئەترىتى ھەيۋەت بىلەن مەيدانغا چىققاندا، پۈتۈن مەيداندا تەنتەنە سادالىرى ياڭرىدى.
بوشلۇق پەلەمپەيسىمان ئەترىتى ئۇچۇپ كەلدى!
يۈن − 9 سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلاش ئايروپىلانى، ئېلېكتىرونلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانى، رادار كاشىلىسى ئايروپىلانىدىن تەشكىللەنگەن ئۈچ ئەترەت پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛ «پاڭنيۇ» يۈن − 20A، يۈن − 20B جەڭگىۋار قىياپەتتە گۇرۇپپىلىنىپ ئۇچتى؛ جيەن − 16D، جيەن − 20، جيەن − 35A قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلار ھەيۋەت بىلەن مەيدانغا چىقتى...
جەڭ بۈركۈتلىرى كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، بۇرچىنى جەزمەن ئادا قىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن جابدۇقلارنى سەپلەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاش تېزلىتىلىپ، يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرىش، ماسلىشىپ زەربە بېرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى، ۋەتىنىمىز ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىنىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.
بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى قەتئىي قوغداشتىكى قەتئىيلىكىنى ئوچۇق ئۇقتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ −
جەڭ بايرىقى جەۋلان قىلىپ، تومۇر داۋاملاشتۇرۇلدى.
پاراتتىن ئۆتكەن جەڭ بايرىقى چاسا ئەترىتى ئىچىدە 80 جەڭ بايرىقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى ئىچىدە قان كېچىپ جەڭ قىلغانلارنىڭ تۆھپىسى ۋە شان - شەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «ياڭ جىڭيۈ تارماق ئەترىتى» «پىڭشىڭگۇەن ئۇرۇشى زەربىدارلار ليەنى» «ليۇ لاۋجۇاڭ ليەنى»... ھەربىر جەڭ بايرىقىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى قۇربان بولغان قەھرىمانلار ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە تاۋلىغان، ھەممىسى قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان قەھرىمانلىق داستانى.
قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو ئارمىيەسى ھەيۋەتلىك قوشۇن، غالىب قوشۇن، شۇنداقلا مەدەنىي قوشۇن، تىنچلىق قوشۇنى.
چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تىنچلىق ساقلاش قىسىمى چاسا ئەترىتى «جۇڭگو كۆك قالپىقى»نى كىيگەن جەڭچىلەرنىڭ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، بۇرچنى ئادا قىلىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى نامايان قىلدى.
مەشىق ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى غۇيۇلداپ ئۇچۇپ ئۆتتى، يەتتە ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانى بوشلۇقتا 14 يول رەڭلىك تۈتەك چىقاردى. بۇ، 14 يىللىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاش بولۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچلىق ئاسمىنىدا، شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.
(4)
80 مىڭ تىنچلىق كەپتىرى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىپ، 80 مىڭ شار كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، تيەنئەنمېن راۋىقى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ يىراق كۆك ئاسمانغا قاراپ ئۇچتى.
«جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشىمىز شۇ قەدەر ياڭراق...»
پۈتۈن مەيداندىكىلەر «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا تەڭ ئېيتتى، ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالىرى مەيداندا ياڭرىدى، خاتىرىلەش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
كىشىلەر قولىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، ئەجدادلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى، دەۋرگە مەدھىيە ئوقۇدى، كەلگۈسىگە تەلپۈندى.
جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
− ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلدى.
ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلدى. بۈگۈنكى دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس، تەھدىت ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىدى.
«تارىخ بىزگە ئارقىدا قالساق بوزەك بولىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى. ئەمەلىي كۈچ بولغاندىلا، غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، ئۇرۇشنى توسقىلى بولىدۇ.» بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى داشۆسى ئادەمسىز سىستېما تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دۇڭ شىۋاڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىمىزغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىلغار جابدۇقلار ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز.
مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە بولسۇن، جۇڭگو تەرەققىي قىلىشتا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىگە تايىنىدۇ.
بۇ يىل، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدۇ، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
«مەيلى تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن تەرەققىياتنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. دۇلۇڭ مىللىتى پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىمىز كېرەك» دېدى يۈننەندىن پارات كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ۋەكىل گاۋ دېرۇڭ.
− ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى.
پاراتنى كۆرگەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى جاڭ جىمىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالماي مۇنداق دېدى: «قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىز زىممىمىزدىكى تارىخىي بۇرچنى تېخىمۇ چۈشەندۇق. مىليونلىغان قەلب زىچ ئۇيۇشۇپ، كۈرەش قىلىش كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىمىز».
جۇڭخۇا مىللىتى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ئۇلۇغ مىللەت، قان بىلەن ئوتنىڭ تاۋلىشى ئارقىلىق، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى تېخىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ.
«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئىككى قىرغاقتىكىلەرگە ئورتاق بولغان دۆلەت ئەسلىمىسى» پارات كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان تەيۋەنلىك قېرىنداش لۈ لىشى مۇنداق دېدى: تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىز باشتىن - ئاخىر ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش. قۇدرەت تاپقان جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
− ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى.
ناخشا ئېيتىپ، تەنتەنە قىلىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى كىشىلەر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى.
كىشىلەر توپى ئارىسىدا جياڭجۈن زو چۈەننىڭ نەۋرىسى شا فېڭ يان تېلېفونىنى ئېگىز كۆتۈردى. داۋاملىق يورۇپ تۇرغان ئېكراندىكىسى زو چۈەن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى، قىزى بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەننىڭ بىردىنبىر خاتىرە سۈرىتى ئىدى. «مېنىڭ بوۋامغا شۇنى دېگۈم كەلدى: بۇ گۈللەنگەن دەۋر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولماقتا!»
«پارات كۆرۈش بىر قېتىملىق روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىش.» بېيجىڭ خەلق سەنئەت ئورنىنىڭ باشلىقى فېڭ يۈەنجېڭ قەتئىي تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: «خەلق ئۈچۈن، دەۋر ئۈچۈن مەدەت بېرىمىز ۋە كۈچ قوشىمىز، بىز ئۇلۇغ روھنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىمىز».
بېنگالدا چىقىدىغان «يېڭى دەۋر گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى تانزىل راخمان كاتتا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ھاياجېنىنى باسالماي مۇنداق دېدى: «پەقەت پۈتۈن دۇنيا خەلقى قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغاندىلا، تىنچلىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ».
يېڭى تارىخ يارىتىش دەل تارىخنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگەنلىك.
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق مەنزىلگە قاراپ، ئالغا!
دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل مەنزىلىگە قاراپ، ئالغا!
ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ، ئالغا!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)