جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا TikTok قاتارلىق ئىقتىساد - سودا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىسپانىيە مادرىدتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2025-09-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مادرىد، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن جيې، خۇاڭ يەن) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ئىشلىرى جۇڭگو تەرەپ باشلامچىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ ئامېرىكا تەرەپ باشلامچىسى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېسسېنت ھەمدە سودا ۋەكىلى گرېر بىلەن ئىسپانىيە مادرىدتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىقتىساد - سودا مەسىلىسى توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر، مول ئىجابىي پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق TikTokقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، مەبلەغ سېلىش توسالغۇسىنى ئازايتىش، ئالاقىدار ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئاساسىي رامكا ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئالاقىدار نەتىجە ھۆججەتلىرى ئۈستىدە كېڭىشىدۇ ھەم ئۆز دۆلىتىدە تەستىقلاش تەرتىپىنى ئىجرا قىلىدۇ.

خې لىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. TikTok مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تېخنىكا ئېكسپورتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى قانات يايدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلىتىمىزنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ بازار پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇش ئاساسىدا، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بىلەن باراۋەر سودا سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئىككى تەرەپ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ۋە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئالاقىدار چەكلەش تەدبىرلىرىنى تېزدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن سۆھبەت نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىرلىكتە قوغداپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، سىجىل بولۇشىغا ياخشى كەيپىيات يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: مۇقىم بولغان جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا سۆھبىتى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئالىدىغان نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشىدۇ.