− رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، مەۋقەنى ئەتراپقا قويۇپ، ئومۇملۇقنى پىلانلىدى، نەتىجىلەر مول، ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن كورېيەنىڭ چىڭجوۋغا بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC)نىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. سەپەر ئاخىرلىشىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىللە بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ يولغا قويغان مۇھىم دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيە ھەرىكىتى. ئۈچ كۈن ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئون نەچچە مەيدان ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتكە زىچ قاتناشتى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، قوشنىلار ئىناق دوستانە ئۆتۈشنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىش شىفىرىنى يېشىپ بەردى، سەپەر زىچ، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر يۈكسەك باھا بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنياغا تېپىلغۇسىز مۇقىملىق قوشتى، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمى ئالدىدا، جۇڭگو ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىدى، خەلقئارا تەرتىپ ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىغا بولغان تەسىر كۈچى، يارىتىش كۈچى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ، «دۇنيا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا نەزەر سېلىش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى جۇڭگوغا نەزەر سېلىش» ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
بىرىنچى، دىققەتنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەقدىرداش بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قاتلام دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ساھەسى ئەڭ كەڭ، تەسىر كۈچى ئەڭ زور ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى. دۇنياغا كەلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، APEC ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى دۇنياۋى ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق ئېشىش موتورىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى قايسى يولدا مېڭىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كەلدى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدىغان سىناققا دۇچ كەلدى.
رەئىس شى جىنپىڭ APEC رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا ئىككى قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، تارىخىي چوڭ لوگىكا ۋە دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى چىقىش قىلىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان 80 يىلدىن بۇيان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشقا قاراپ مېڭىش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا پۇرسەتتىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ «بەش ئورتاق»نى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى رايون ئىقتىسادىي مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى ئورتاق قوغداش، سودىنى رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئىمكانىيەتلىك سىجىل كەلگۈسى بەرپا قىلايلى»نى چۆرىدەپ، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى تەرەپلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولماسلىق، دۇنياۋى تەرەققىيات قىزىل رەقىمى كېڭىيىپ كېتىش قاتارلىق خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسلاردا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مەردانە - جاراڭلىق بولۇپ، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشى، يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنى قوغداش ئىشەنچىسىگە ئىلھام بەردى. يىغىندا «چىڭجوۋ خىتابنامىسى» ماقۇللاندى ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنىپ، كەڭ ئەزالارنىڭ ھەمكارلىقنى كۆزلەش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىشتەك ئورتاق يۈرەك ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى APEC يىغىنىنىڭ ئەڭ يارقىن پەيتى ساھىبخانىلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش بولدى. پۈتۈن مەيداندىكى قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ كېلەر يىلى 11 - ئايدا APECنىڭ 33 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى شېنجېندا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ساھىبخانىلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ساھىبخانىلىقنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى پائال قوللىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، APEC «جۇڭگو يىلى»نىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى، كېلەر يىلى بىرلىكتە شېنجېن ئۇچرىشىشىغا كېلىپ، رايون ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ 3 - قېتىم، شۇنداقلا ئارىدىن 12 يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم APECنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى. APEC تارىخىدا، «شاڭخەي ئورتاق تونۇشى»، «بېيجىڭ پىروگراممىسى» قويۇق رەڭدار جۇڭگو ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكى، ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى نامايان قىلدى. شېنجېن ئىلگىرى كىشىلەر بىلمەيدىغان كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى ئىدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە ئەگىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىپ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. پات ئارىدا APECنىڭ جۇڭگودىكى «ئۈچىنچى شەھىرى» بولۇش ئالدىدا تۇرغان شېنجېن تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، دۇنياغا بىر قېتىملىق مول مەزمۇنلۇق كاتتا يىغىننى نامايان قىلىدۇ.
خەلقئارا تاراتقۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆپلىگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى ۋە رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش روھى بىلەن رايوننىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىپ، APEC ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. شېنجېن جۇڭگودىكى «كىرېمنىي جىلغىسى» ۋە «جەنۇبتىكى پەن - تېخنىكا مەركىزى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلىق كۈچەيدىغان ئىلغار كەسىپلەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ سىمۋولى. APECنىڭ «جۇڭگو ۋاقتى»غا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئۈمىد كۈتۈشكە شۇنداق ئاساسى باركى، زامانىۋىلىشىشقا سىجىل قەدەم قويۇۋاتقان جۇڭگو تېخىمۇ زور ھەمكارلىق پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بۇ بۆلەككە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ.
ئىككىنچى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يول باشلاپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ پۇسان سۆھبىتىگە پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكتى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندە ئۆتكۈزگەن يەنە بىر قېتىملىق سۆھبىتى، شۇنداقلا ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يۈزتۇرا ھەمتۈرتكە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ بولۇپ كەلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئۈچ قېتىم تېلېفونلىشىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئاساسىي رىتىمنى بېكىتتى.
پۇساندا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت تامامەن بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرالايدۇ، ئورتاق گۈللىنەلەيدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمراھلاردىن، دوستلاردىن بولۇشى تارىخنىڭ ئىلھامى، شۇنداقلا رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى. بوران - چاپقۇن ۋە خىرىس ئالدىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى رول باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنى مۇقىم ئىلگىرىلىتىشى كېرەك. زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، رەئىس شى جىنپىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇلۇغ رەھبەر. ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلدى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى. زۇڭتۇڭ تىرامپ كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا كوللېكتىپىغا داۋاملىق تىرىشىپ، شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇشنى ياخشى قوغداپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزۈشنى ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىساد - سودا داۋاملىق تۈردە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە توسالغۇ ۋە توقۇنۇش نۇقتىسى بولماستىن، بەلكى تۇراقلاشتۇرغۇچ ۋە ئالغا سىلجىتقۇچ بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ چوڭ ھېساباتنى قىلىپ، ھەمكارلىق ئېلىپ كەلگەن ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتنى كۆپرەك كۆرۈشى، ئۆزئارا ئۆچ ئېلىشتەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا پېتىپ قالماسلىقى كېرەك. داۋاملىق تۈردە باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە سۆھبەتلىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىشى كېرەك.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋە رايون سەھنىسىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر بار، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق نامايان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق بىر قىسىم چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا بولىدۇ. كېلەر يىلى، جۇڭگو APECنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئامېرىكا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى قوللاپ، ئىككى مەيدان باشلىقلار يىغىنىدا تىرىشىپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەمراھى، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ دۇنيادا نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا - جۇڭگو ھەمكارلىقى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆھبەتلەشكەنلىك خەۋىرى بىرىنچى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلارنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالدى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم مۇنداق قارىدى: سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئاكتىپ سىگنال تارقىتىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتتى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان مەزگىلنى كۈتۈۋېلىشىدىن ئۈمىد بار. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسى قايتىدىن سۆھبەت يولىغا قايتىپ، دۇنياۋى بازارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇردى. دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ خاتا چۈشىنىش، خاتا ھۆكۈم قىلىشنى ئازايتىشى، مۇناسىۋەتتە چوڭ داۋالغۇش بولۇشتىن ساقلىنىشىدا تەڭداشسىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ پۇسان سۆھبىتى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي پەيت، شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىش. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن جۇڭگو ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئىزچىللىق، مۇقىملىقنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى پۇسان سۆھبىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى غايەت زور پاراخوتىنى جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ئۆتۈشكە يەنە بىر قېتىم يېتەكلەپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تەمكىنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سۆھبەتلىشىش تىركىشىشتىن ياخشى، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنىڭ چىقىش يولى يوق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش توغرا يول. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەقەززاسى.
ئۈچىنچى، ئۆزئارا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش
ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كورېيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان يېقىن قوشنا، شۇنداقلا ئايرىلالمايدىغان ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىدېئولوگىيە ۋە جەمئىيەت تۈزۈمى پەرقىدىن ھالقىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇردى، دوستانە ھەمكارلىق باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي رېڭى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، كورېيەمۇ جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد - سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرى چوڭقۇر گىرەلەشكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتىكى مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى.
رەئىس شى جىنپىڭ ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم كورېيەدە زىيارەتتە بولدى، كورېيە تەرەپ قىزغىن ئىنتىزار بولۇپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە، ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلەن قىزغىن كۈتۈۋالدى. زۇڭتۇڭ لى زەيمىڭ چىڭجوۋدا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، قارشى ئېلىش مۇراسىمى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە چىڭجوۋ مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتى سەپ تۈزۈپ مۇھاپىزەت قىلىپ قارشى ئالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دوستانە كەيپىيات ئىچىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قاتار ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نەتىجىسى جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولدى. جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى 2008 - يىلى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. گەرچە ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەنپەئەت يۇغۇرۇلغان، بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان رېئال ئاساسى ئۆزگەرمىدى، تىنچلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان، گۈللىنىشنى ئورتاق كۆزلەيدىغان ئورتاق ئارزۇسى ئۆزگەرمىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن كورېيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش داۋامىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى كېرەك، ساغلام، مۇقىم، سىجىل چوڭقۇرلىشىۋاتقان جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 33 يىل تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، مۇقىم، ساغلام بولۇپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. زۇڭتۇڭ لى زەيمىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەت پۇقرالىرى ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى ياخشىلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇ يىل جۇڭگو - كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا قوشۇلدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيودورا ياساش، يېشىل كەسىپ، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ ساغلام، پايدىلىق بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەر، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن كورېيە ئوخشاشلا ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللاپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، رايون ھەتتا دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا قوشۇلدى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، قانۇن ئىجراسى، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردە 10 تۈردىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، بۇ، جۇڭگو - كورېيە ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىستىقبالى پارلاق ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.
ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم كورېيەدە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسى، فاڭجېنىنى جانلىق ئىزاھلاپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن كورېيە دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە، رايون تىنچلىقىنى قوغداش، ئاسىيانىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئورتاق ئىنتىلىشى بار. ھازىرقى جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ يۈكسىلىش ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
تۆتىنچى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىش شىفىرىنى يېشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كېلەچىكىنى يارىتىش
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئەمدىلا غەلىبىلىك يېپىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ماقۇللاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. «14 - بەش يىل»نى ئەسلەپ ئۆتسەك، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇش، تاشقى خىرىس بوران - چاپقۇنى كۈچلۈك بولۇش ئالدىدا، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى. «15 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، جۇڭگو ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سىياسەت - تەدبىرلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق پۇرسىتىنى كېڭەيتىشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ سۆھبەتلىشىش - كۆرۈشۈش، ئاشكارا سۆز قىلىش، يازما نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى نوپۇزلۇق چۈشەندۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ مۇھىم شىفىرى دەل بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەش، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش، ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادى بىپايان دېڭىز بولۇپ، دۇنيا سودا - سانائەت ساھەسىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى، كەڭ يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسى، يېشىل ئېشىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۆڭۈلدىكىدەك، بىخەتەر، ئىستىقباللىق مەبلەغ سېلىش مەنزىلى، جۇڭگو بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق دەل پۇرسەت بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق، جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىك دەل ئەتىگە ئىشەنگەنلىك، جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق دەل كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇپەسسەل بايانى ۋە ئېلان قىلغان سىياسەتتە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل بولدى، جۇڭگونىڭ يېڭى بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئۆزىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى مەنزىلى يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ «جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ خورى» دەپ قارىدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر باھا بېرىپ مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزگەنلىكى ۋە داۋاملىق يولغا قويغانلىقىدا، بۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس سىياسىي ئەۋزەللىكى بولۇپ، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى خەلقئارا جەمئىيەتنى كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگونىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياغا داۋاملىق بەخت يارىتىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندۈردى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە كانادا، تايلاند، ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى ھەم باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈردى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ يەتتە يىللىق ئەگرى - توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئوبيېكتىپ ئاقىلانە تونۇش تۇرغۇزۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى قايتا باشلاپ، ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - كانادا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. بۇ يىل جۇڭگو - تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن 50 يىلى»، رەئىس شى جىنپىڭ تايلاند زۇڭلىسى ئانۇتىن بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - تايلاند تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق تەرەپلەردە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى گاۋشى زاۋمياۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە تارىخ، تەيۋەن قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان، ياپونىيە تەرەپ قاتتىق ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى ئادا قىلىپ، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئاساسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى، تەۋرەنمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. «سۈنشەن سۆھبىتى»دە ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىلغان ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن كەچۈرۈم سورالغان، بۇ روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. باش ۋەزىر گاۋشى تەيۋەن مەسىلىسىدە، ياپونىيەنىڭ 1972 - يىلىدىكى ياپونىيە - جۇڭگو قوشما باياناتىدىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ياپونىيە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىجابىي، مۇقىم بولغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى.
ۋاڭ يى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە مەۋقەنى ئەتراپقا قويۇپ، ئومۇملۇقنى پىلانلىدى، نەتىجىلەر مول، ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولدى، بۇ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى بولۇپ، بۇ يىلقى مول مەزمۇنلۇق، يۇقىرى پەللىگە چىققان دۆلەت باشلىقى زىيارەتكە چىقىش دىپلوماتىيەسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىلقى تۆت قېتىملىق زىيارىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن رۇسىيەگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن شەرقىي شىمالىي ئاسىياغىچە بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇلۇت - تۇمانلارنى يېرىپ ئۆتىدىغان يىراقنى كۆرەرلىك، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئەندىزىسى، دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنى شىددەتلىك ئېقىندا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر قەتئىي تۈردە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇردى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇردى، باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى. بىپايان دېڭىزدا دولقۇن مەۋج ئۇرماقتا، بۇ، يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى سىجىل يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.