شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ كونولىينىڭ ئىرېلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2025-11-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كاسېرىن كونولىيغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىرېلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىرېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، دوستانە ھەمكارلىشىش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلدى، نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى قويۇق بولدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن جۇڭگو - ئىرېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ كونولىي بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوللاپ، جۇڭگو - ئىرېلاندىيە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.