شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ۋاتارانىڭ كوتېدىۋويرېنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2025-11-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالاسسانې ۋاتاراغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كوتېدىۋويرې جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كوتېدىۋويرې زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار، ياخشى ھەمراھلار. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆرۈنەرلىك زورىيىۋاتىدۇ. مەن جۇڭگو - كوتېدىۋويرې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ۋاتارا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.