شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مىسىر چوڭ مۇزېيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مىسىر چوڭ مۇزېيى ئېچىلغان پەيتتە، مەن زۇڭتۇڭ سېسى ۋە مىسىر خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن. ئىشىنىمەنكى، مىسىر چوڭ مۇزېيى مىسىر مەدەنىيەت تارىخىدا قويۇق رەڭدار ئىز قالدۇرۇپ، قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ئۆزگىچە جۇلالاندى. شاڭخەي مۇزېيىدا «قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكى چوڭ كۆرگەزمىسى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو - مىسىر بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى ساققارا پىرامىداسى ئاستىدا سىرلىق قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەنمەكتە. بىز خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۇقكى، ئىككى چوڭ قەدىمىي مەدەنىيلىك قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى كۈنسېرى ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتمەكتە. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەدەنىيلىك كۈچى توپلىشى كېرەك.