باش شۇجى يېڭى مۇساپىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى

2025-11-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لو شا، چى چى

11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ باشلىنىشى.

2020 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بەش يىلدىن كېيىن مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى، بۇ دەل «14 - بەش يىل» تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە توغرا كەلدى.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر.

− ئىككى «تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قانۇن ئىدارە قىلىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. دىققەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى «تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىنى كۆرسىتىپ بەردى.

«قانۇنچىللىقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك». دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن مەۋقەنى ئومۇملۇققا ۋە كەلگۈسىگە قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.

ھازىر، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتى قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرى قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا بولغان يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى شۇنچە تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

«ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك». ئادىللىق قانۇنچىللىقنىڭ جان تومۇرى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى جەزمەن ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى خەلق، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مەقسەت خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋرگە كىرىپ، خەلق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلدى، ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپلا قالماي، يەنە دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپىمۇ كۈنسايىن ئاشتى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم يولى ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقتىن ئىبارەت بۇ قىممەت ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

− ئىككى «ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» تەكىتلەندى.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت زور پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش ئارقىلىق ياخشى قانۇن بىلەن ياخشى ئىدارە قىلىشقا ئاساس سېلىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش... قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلار بىر - بىرىگە چېتىشلىق، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ياخشى قانۇن بىلەن ياخشى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، گۈزەل جۇڭگونى قوغدايدىغان قانۇنچىللىق تورىنى زىچ توقۇش... دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

− «قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ يارىتىش»قا چاقىرىق قىلىندى.

ئىختىساسلىقلار بىلەن قانۇنغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەندە، جاھاننى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدىكى «بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر.

قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتا، كۆپ تەرەپنىڭ ماسلىشىشى، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەت كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەندىلا، قانۇنچىل جۇڭگونىڭ پۇختا ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» باشلامچى بولۇپ قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، قانۇنچىللىق خىزمىتى تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، كەڭ ئامما قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىش... قانۇنچىل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۇلۇغۋار پىلانىنىڭ قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش بۇرغىسى چېلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولى مۇقەررەر ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)