− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن، گۇاڭدۇڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، ۋاڭ جوۋ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، لىن خۇي
يېقىندا، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلگەن پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئاياغلاشتى. ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇب سەپىرىگە ئاتلىنىپ، خەينەن، گۇاڭدۇڭ ئىككى ئۆلكىگە چوڭقۇر چۆكتى.
توختىماي يول يۈردى، يول بويى ئويلاندى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش خەينەن، گۇاڭدۇڭنىڭ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ئىزدىنىش ئەمەلىيىتى، يەنە دەل باش شۇجى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئەڭ كۆپ ئويلانغان، ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان باش تېما.
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈشنى رەسمىي باشلايدىغانلىقىنى قارار قىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىرى بولۇپ، مۇقەررەر زور ھەم چوڭقۇر ئىچكى - تاشقى تەسىر پەيدا قىلىدۇ.» ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلىدى، تەدبىر بەلگىلىدى. تاموژنا يېپىق يۈرۈشتۈرۈلۈش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە خەينەنگە باردى.
گۇاڭدۇڭنىڭ تەرەققىياتىنى يەنە 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 1978 - يىلىدىكى بۇ كۈندە، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بۇرغىسى چېلىنىپ، دۆلەت تەقدىرىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش ياسىشىغا چوڭقۇر ھەم ئۇزاق تەسىر كۆرسەتتى. باشلامچى بولغان گۇاڭدۇڭ دەۋر دولقۇنىنىڭ ئالدىدا مەزمۇت تۇردى. بۇ قېتىمقى سەپەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى «ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىسى، ئالدىن يولغا قويۇلغان جاي، تەجرىبە رايونى» دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، بۇ جاينى «ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»قا ئىلھاملاندۇردى.
11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەينەننىڭ سەنيادا تەكشۈرۈشتە بولدى، 7 - ۋە 8 - كۈنلىرى گۇاڭدۇڭ مېيجوۋ، گۇاڭجوۋ ئىككى جايغا باردى. زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈشتە بولۇش سەپىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋدا گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن ئۈچ جاي بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ، بىر تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى، شۇنداقلا ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەتنىڭ بىر قېتىملىق چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ۋە مەۋج ئۇرۇشى. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن رايون زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپراقنى قانداق قىلىپ قايتا بەرپا قىلغانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
نىشاننى بېكىتىپ، يەنە داۋاملاشتۇرۇش؛ سەپەر يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، يەنە يولغا چىقىش.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى تارىخنىڭ يېڭى كوردىناتىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئىزاھلىدى. بۇ قېتىمقى سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.» ئۇ ھەرقايسى جايلارنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئىقتىسادى چوڭ ئۆلكە ۋە تەرەققىي تاپقان رايون بولغان گۇاڭدۇڭ «يۇقىرى يۈكسەكلىككە، چوڭ ئەندىزىگە ئىگە بولۇشى كېرەك» «كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك» دەپ تاپىلىدى.
بىر ساھەدىكى خىزمەتنى پىلانلىغاندا ئومۇمىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈش، بىر مەزگىللىك پىلان تۈرگەندە، مىڭ يىلنى تۇتاشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈش. «زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىۋاتقان» جۇڭگو تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا گۈللىنىش كۈچىنى توپلىماقتا.
خەينەن سەھىپىسى: «دەرۋازا» ئەكس ئەتتۈرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە
«جۇڭگوچە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەدەممۇ قەدەم مېڭىپ بۇ يەرگە كەلدۇق»
11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، سەنيا. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى باش تېما قىلىنغان بىر قېتىملىق خىزمەت دوكلاتى يىغىنى بۇ يەردە ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى:
«خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشان دەل خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم دەرۋازا قىلىپ بەرپا قىلىش».
«دەرۋازا»غا قارىتا بېرىلگەن تاپشۇرۇقتا خەينەننىڭ تارىخى ۋە رېئاللىقى نەزەردە تۇتۇلدى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە نەزەر سېلىندى.
بۇ جايدا جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك بار. خەينەن تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يولغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو چوڭ بازىرىغا كىرىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى.
بۇجايدا تارىخىي تومۇرنىڭ جۇغلانمىسى بار. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نەزەرىنى بۇ جايغا قاراتتى. 1988 - يىلى خەينەن دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئۆلكە دەرىجىلىك ئىشتاتلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا ئايلاندى.
بۇ جايغا ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈمىدى يۈكلەنگەن. تۈركۈم - تۈركۈم يول ئاچقۇچىلار ئارزۇسىنى بۇ مېھىرلىك تۇپراققا تارقاتتى، ئۇلار خەينەندىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان باھارىنى بەرپا قىلىشقا تەقەززا بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ۋەزىپىنى خەينەنگە تاپشۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن مۇنداق دېدى:
«بىز جۇڭگوچە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەدەممۇ قەدەم مېڭىپ بۇ يەرگە كەلدۇق.» «نۆۋەتتە تاموژنىنىڭ يېپىق يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».
تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈش دېگەن نېمە؟ «<بىرىنچى سەپ>نى قويۇۋېتىش، <ئىككىنچى سەپ>نى باشقۇرۇش، ئارال ئىچىدە ئەركىن بولۇش»، پۈتۈن خەينەن ئارىلى تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئالاھىدە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى ئەسلەپ باقايلى. 2018 - يىلى 4 - ئايدا، خەينەننىڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇپ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى» قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.
2020 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. «تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈش» دەل لايىھەدىكى بىر تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تۈزۈم لايىھەسى.
ئوڭۇشلۇق باشلىنىشتىن ئاساسنى پۇختىلاش، شەكىل ھاسىل قىلىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىشقىچە؛ «تەدرىجىي ئىزدىنىش»تىن «تېز ئىزدىنىش»كىچە، يەنە «تېز ئالغا سىلجىتىش»قىچە، ۋاقىت كۈننى - كۈنگە ئۇلاپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى.
بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە، بىر تەرەپتە يەككە تەرەپچىلىك ۋە سودا قورۇقچىلىقى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىش يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق، ھەرىكىتى ناھايىتى كەسكىن.
دوكلات يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداش بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى رەتلەپ چىقتى:
2020 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، خەينەننىڭ مال ۋە مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم %31.3، %32.3 ئاشقان؛
بەش يىلدا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 15 مىليارد 150 مىليون دوللار بولۇپ، ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئالدىنقى 32 يىلنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈلدى، ماڭغانسېرى قەدەملەر شۇنچە مەزمۇت بولدى. «تاموژنا يېپىق يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خەينەن ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي شارائىتىنى ھازىرلايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى «ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش»قا، «ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ پائال، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈرتكە بولۇش»قا ئىلھاملاندۇردى ھەم خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى:
«تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش» «تاۋار ۋە ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشچان ئېچىۋېتىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» «تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلار مېخانىزمى بەرپا قىلىش» «مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش».
دۇنياغا نەزەر سالساق، ئەركىن سودا پورتلىرىنىڭ بەلگىلىك قائىدىسى تېخى بېكىتىلگىنى يوق، نېمە ئۈچۈن بۇ جايغا «جۇڭگوچە» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ؟
«تاموژنىنى بۇنداق كەڭ دائىرىلىك يېپىق يۈرۈشتۈرۈشتە، پۈتۈن دۇنيادىمۇ تەييار تەجرىبە يوق.» توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يول يوق دالىدا ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكى خۇددى ماياكقا، يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: «باشقىلارنى قارىغۇلارچە دوراشقا بولمايدۇ، ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، ئالدىراقسانلىق، يېنىكلىك پىسخىكىسىدا بولۇشقا بولمايدۇ. خەينەن ئەركىن سودا پورتى جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى، جەزمەن باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك».
ئىس - تۈتەكلىك تاغ تىزمىلىرىدا ماڭدۇق، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردۇق. ئوڭۇشسىزلىقلارغىمۇ ئۇچرىدۇق، ئەگرى - توقاي يوللاردىمۇ ماڭدۇق، لېكىن خۇددى ھەيۋەتلىك دەريا سۈيىگە ئوخشاش، تاغ - داۋانلار ئارىسىدىن يول ئېچىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.
باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئىلگىرى تالاش - تارتىش ناھايىتى كۆپ بولدى، بەزىلەر چوڭ نېفىت خىمىيە بازىسى قۇرۇشنى، پولات - تۆمۈر تۈرىنى ماكانلاشتۇرۇشنى، ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. 30 يىل سىجىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، بۇ بىرنەچچە خىل ئىشنى تۇتۇشنى قارار قىلدۇق...» تۇتۇلغان «بۇ بىرقانچە خىل ئىش» ئاخىرىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەنگە بەرگەن «ئۈچ رايون، بىر مەركەز»، يەنى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى، خەلقئارا ساياھەت ئىستېمال مەركىزى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت كاپالەت رايونىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى شەكىللەندۈردى.
خەينەن بىر پارچە نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %67.2كە يېتىپ، 2020 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 14.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە، «خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش كېرەك» دەپ ئېنىق تەلەپ قىلىندى. بۇ قېتىمقى دوكلات يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشنى بايان قىلدى: «خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت خەينەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.»
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ ئىنچىكە نۇقتىلارنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.
«پۇتىمىز زېمىنغا تېگىپ تۇرۇشى كېرەك. بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا ئىچكى قانۇنىيىتىمىز بار. ئېچىۋېتىش رىتىمى ۋە سۈرئىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، <جانلىق قويۇۋېتىش> ھەم <ياخشى باشقۇرۇش>قا تىرىشىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر تۆۋەن چەك تەپەككۇرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك» «سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
نەچچە مىڭ يىل ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش روھى نەچچە ئون يىللىق ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سالاپىتىنى مۇجەسسەملىدى، بۈگۈنكى خەينەن تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەتكە ئېھتىياجلىق، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان شىجائەتكە ئېھتىياجلىق.
«خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، جەزمەن ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ نەزەرى چوڭقۇر ھەم يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە.
گۇاڭدۇڭ سەھىپىسى: «غەم قىلىش»قا مۇجەسسەملەنگەن خەلقچىللىق ھېسسىياتى
«ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تەرەققىياتى تەكشى بولمىغان جايلار بار، بۇمۇ مېنىڭ غەم قىلىدىغىنىم»
11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، پويىز گۇاڭجوۋدىن يولغا چىقىپ، شەرققە قاراپ ماڭدى. تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئەتراپ يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.
پويىز، ئاپتوموبىل بىلەن ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مېيجوۋ شەھىرىنىڭ مېيشيەن رايونى يەنياڭ بازىرىغا كەلدى. «نېمىشقا بۇ جايغا كېلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇق؟» يۇرتداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، باش شۇجى سەۋەبىنى مۇنداق بايان قىلدى: «بۇ بىر قىزىل تۇپراق. گۇاڭدۇڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىياتى تەكشى بولمىغان جايلار بار، بۇمۇ مېنىڭ غەم قىلىدىغىنىم.»
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، نۇقتىلىق ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتىنىڭ بىرى «ئورتاق بېيىش»قا مۇناسىۋەتلىك. ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا «بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»، ئورتاق بېيىش يولىدا «بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ»، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم.
قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىلا، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. يەنياڭ بازىرىنىڭ خۇشىڭ كەنتى پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى يې جيەنيىڭنىڭ يۇرتى. ئاق تام، كۈل رەڭ كاھىشلىق ئەسلىي تۇرالغۇدا «ئىلگىرى شەمشەرنى قىنىدىن سۇغىرىۋالغان ئەزىمەت»نىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادىسى بار؛ ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك خاتىرە سارىيىدا «ماركسىزم - لېنىنىزم ھەقىقىتىگە چىن ئېتىقاد بىلەن ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش»تىن ئىبارەت ھارماس ئىزدىنىش ساقلانغان.
پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ خاتىرە سارىيىغا كىردى.
گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، تەزىم قىلىپ ياد ئەتتى. دالدا تام ئۈستىدىكى جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرغان «قەتئىي ئىرادە بىلەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش» دېگەن خەتلەرگە ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئىنقىلابچىنىڭ ئېتىقاد ئاساسى مۇجەسسەملەنگەنىدى.
ساراي ئىچىدە، باش شۇجى قەدىمىنى ئاستىلاتتى.
ھەربىر تارىخىي سۈرەتتە، ھەربىر قىممەتلىك بۇيۇمدا بىر ئىنقىلابچىنىڭ ھاياتى خاتىرىلەنگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ، سىنچىلاپ قاراپ، تەپسىلىي سورىدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈنكى كۈندە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار تىكلىگەن ھاكىمىيەت، توپلىغان ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان».
جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ رەڭگى قىزىل. ۋاقىت ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، روھقا ۋارىسلىق قىلىش، ئېتىقادنى داۋاملاشتۇرۇش يىللارنىڭ تاۋلىشى بىلەن ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق. باش شۇجى كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «پارتىيە تارىخى تەشۋىق - تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك».
يې جيەنيىڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، بىر يىڭليەن كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى: «ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرايلى، تېخىمۇ چوڭ شەرەپنى قولغا كەلتۈرەيلى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆردى، چوڭقۇر ئويلاندى. يىللار ئابىدىگە ئوخشاش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى شانلىق كۈرەشلەر ۋە شان - شەرەپلەرنى چوڭقۇر ئويدى.
100 نەچچە يىل ئىلگىرى، پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەنىدى. «خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش» دېگەن ئاددىي ئەمما چوڭقۇر داۋلى ئۈستىدە باش شۇجى قەدىمى بىلەن قايتا - قايتا ئىزدەندى.
بۇ قېتىم مېيجوۋغا كەلگەندە، ئۇ ئالايىتەن يەنياڭ بازىرىدىكى بىر كەنتنى كۆرگىلى باردى.
نەنفۇ كەنتى ئىلگىرى «كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايون» ئىدى، ھازىر ھەممە ئائىلىدە «ئالتۇن مونەك» بار بولدى. بۇ جايدا، 5000 مودىن ئارتۇق نەنفۇ جىنيوۋ ئۆستۈرۈش بازىسى بار.
باش قىش پەسلى، دەل يوۋزىنىڭ پىشىش مەزگىلى. ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان يوۋزىلارنى دەرەخ شاخلىرى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى. باش شۇجى مېۋىلىك دەرەخلەر ئارىسىدىكى چىغىر يولنى بويلاپ ماڭغاچ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى، دەرەخ يېشى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ھوسۇلنى سورىدى. ئۇ، ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە بىر توپ باغۋەنلەرنى ئۇچراتتى.
«مول ھوسۇل ئاپسىلەر!» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
باغۋەنلەر ھاياجانلانغان ھالدا چۆرىدىشىپ كېلىپ، ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ھەمبەھرىلىدى.
«يوۋزى ئۈزگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.
«بىز <بىر مېۋىنى ئىككى قېتىم كېسىپ ئالىمىز>». باغۋەن خۇاڭ كەيجى بىر تەرەپتىن سۆزلەپ بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق قىلغاندا توشۇش جەريانىدا ئۇرۇلۇپ زېدە بولۇپ كەتمەيدۇ، ساقلاشقا قولايلىق».
مۇشۇ يىللاردا، شەھەر، ناھىيە، بازارلار يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى مېۋىلىك باغقا ئەۋەتتى، دەل جايىدا ئوغۇتلاشتىن كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكىچە، مېۋىنى ئىلمىي يىغىشتىن باغنى رەتلەشكىچە، جىنيوۋ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدىدى.
مۇنبەت يوۋزى باغلىرى، تۇتاش كەتكەن تاغلار. ئۈزگەن مېۋىلىرىڭلارنى ياخشى باھادا ساتقىلى بولامدۇ؟ خۇاڭ كەيجى ئائىلىسىنىڭ 12 مو يېرى بار بولۇپ، سېتىش يوللىرى تىلغا ئېلىنغاندا گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى: «سېتىشتىن غەم قىلمايمىز، باھاسى ناھايىتى ياخشى».
بىر چەتتە تۇرغان باغۋەن لى يۇڭشېڭ ھەم يوۋزى تېرىيدۇ ھەم يوۋزى ساتىدۇ، يەنە يوۋزى ماركىسىنى ياراتتى. ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش يولى بار، تەمىنات - سودا كوپىراتىپى، دۆلەت كارخانىلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىمىز. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، كۈنلىرىمىز ئۈمىدكە تولدى. ھازىر بىز <يوۋزى ئۆي>دە تۇرىمىز، <يوۋزى ئاپتوموبىل> ھەيدەيمىز!»
ئىلگىرى يوۋزىنى تاغدىن ئەپكەش بىلەن توشۇشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىلىدۇ، تاغدىن توشۇيدىغانغا ئاپتوموبىل بار بولدى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، تاغ باغرىنى بويلاپ شەكىللەنگەن ئەگرى - بۈگرى ئاپتوموبىل ئىزلىرى خۇددى ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ تۇراتتى. باش شۇجى بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئىنتايىن خورسەن بولدى: «ناھايىتى ياخشى! ھاسىلاتىڭلار مول بوپتۇ، مېۋىچىلىك ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايسا، سېتىش يوللىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، باھا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، تۇرمۇشىڭلار تېخىمۇ باياشاتلىققا تولىدۇ.»
كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا سىياسەت جەھەتتە يار - يۆلەك بولۇشنى سىجىل كۈچەيتىدۇ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشى كېرەك.
رايون تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئەزەلدىن بىر چوڭ تېما بولۇپ كەلدى. رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقىدا گۇاڭدۇڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. پۈتۈن ئۆلكىدىكى 180 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان تۇپراقتا، بىر تەرەپتە جۇجياڭ دېلتىسى «ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالدى»، بىر تەرەپتە گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىي، غەربىي، شىمالىدىكى 12 شەھەر جاسارەت بىلەن يېتىشىپ ماڭدى، كېيىنكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ %20ىگىمۇ يەتمەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە دەل جايىدا مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «شەھەر - يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتىدىكى تەكشىسىزلىك گۇاڭدۇڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك.»
تاپشۇرۇقنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، «100 ناھىيە، 1000 بازار، 10 مىڭ كەنتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇشنى باشلىدى. ناھىيە رايونىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، يېزا - بازارلارنىڭ يېڭىلىنىشىدىن يېزا - كەنتلەرنىڭ خەلقنى بېيىتىشىغىچە، شەھەر - يېزا تەرەققىيات ئەندىزىسى قايتىدىن شەكىللەنمەكتە.
«ئالدىنقى يىللاردا، مەن چىڭيۈەن، جەنجياڭغا بارغان، بۇ قېتىم مېيجوۋغا كەلگەندە، گۇاڭدۇڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، بولۇپمۇ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە توغرا كېلىدىغان رايونلارنىڭ ھەممىسىگە باردىم. مەن پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدىم، تەرەققىيات سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىشكە تېگىشلىك بۇ جايلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن» دېدى باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن يۇرتداشلارغا.
ئىككىنچى كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم مېيجوۋغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى: «رايونلار ماس تەرەققىياتى، شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتىدىكى پەرق يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولغان بۇ كەمتۈكلۈكنى تەدرىجىي تولۇقلاش كېرەك. سىلەر يولغا قويغان <100 ناھىيە، 1000 بازار، 10 مىڭ كەنتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشى> يېزا - بازارلارنىڭ قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىپتۇ، بۇنى سىجىل تۇتۇپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.»
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، باش شۇجى مۇنداق ئەسكەرتتى: «لېكىن چوقۇم شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىش قىلىش شەكلىدىكى كىچىك شەھەر - بازار قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئېھتىياج بويىچە قۇرۇش كېرەك.»
دوكلات يىغىنىدا، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆلكە بويىچە ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىقتىساد %4.1 ئاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ۋە بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكىدىنمۇ ياخشى بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىڭلار مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى. ئومۇمىي مىقدار بەك چوڭ، مۇشۇنداق ئېشىش سۈرئىتى ئاستىدا بۇمۇ ناھايىتى چوڭ بىر ئېشىش مىقدارى ھېسابلىنىدۇ، گۇاڭدۇڭ ئۆزى بىلەن بەسلىشىشى كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېڭى تېمىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.»
گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى سەھىپىسى: «تۇتىشىش»تا نامايان بولغان چەكسىز پۇرسەت
«بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»
رايون زور ئىستراتېگىيەسىدە، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ئىنتايىن مۇھىم بىر بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %1ىگە يەتمەيدىغان يەر كۆلىمى، %6ىگە يەتمەيدىغان نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1/9 ئۈلۈش ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جاي بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بىر مەيدان تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى بۈگۈنكى كۈندىكى چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ خىلمۇخىل ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى دۇنياغا جانلىق نامايان قىلدى.
11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈنتەرتىپى زىچ بولدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيەدىكى ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى؛ ئارقىدىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوۋېنچرۈي ۋە ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.
تەنتەربىيەگە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. چوڭ قولتۇق رايونىدا باشلانغان تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئىجادىي ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.
شۇ كۈنى كەچتە، گۇاڭدۇڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇ جايدا باشلاندى.
دۆلىتىمىزنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا، بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى كۆپ جاي بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈپ باقمىغان. بۇ قېتىم بۇ شەرەپ چوڭ قولتۇق رايونىغا مەنسۇپ بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. تاشقىن كەبى چاۋاك - ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە جۇشقۇن ياڭرىدى.
نەق مەيداندا «ۋەتەنگە مەدھىيە»، «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلدى، بۇ، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە تەۋە بولغان ھېسسىيات ئورتاقلىقى. تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىشكە باشلىدى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ ۋەكىللەر ئۆمىكى ساھىبخانا سۈپىتىدە بىرلىكتە مەيدانغا كىرگەندە، مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. رەئىس سەھنىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.
تاراتقۇلار باھا بېرىپ مۇنداق مۇلاھىزە قىلدى: ئۈچ جاينىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. لېكىن باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسلىدىنلا ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى بىر خىل ئۆزىگە ئىشىنىش. «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى»، بىر كۈن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
قاينام - تاشقىنلىق قۇرۇلۇش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ئۇ بىر مەيدان ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولىدىكى قەيسەرلىك بىلەن ئىزدىنىش، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تىنچ سۇنىڭ چوڭقۇر ئېقىشى.
مۇنداق ئىككى كۆرۈنۈشتىن ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بىرى، دوكلات بېرىش يىغىنى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداش شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ جانلانغان قىياپىتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە چوڭ كۆۋرۈكتىكى كۈندىلىك ئاپتوموبىل ئېقىمى 14 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.4 ئاشتى».
ئەينى يىللارنى ئەسلىسەك، ئەڭ دەسلەپتە ئىچكى رايونلاردىكى كىشىلەر شاتوۋجياۋغا نەرسە - كېرەك سېتىۋالغىلى باراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىچكى رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلار ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنى جەلپ قىلىش كۈچى كۈنسېرى ئاشماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىش بارغانسېرى راۋان، بارغانسېرى قىزغىن بولىدۇ» دېدى.
يەنە بىر كۆرۈنۈش، دوكلات يىغىنىدىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىنى چىڭ كۆزلەش، كەلگۈسى تەرەققىياتقا يۈزلىنىش، مەۋقەنى كەسىپتە قوللىنىشقا قويۇش... «قولتۇق رايونىدا ياساش»نىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى. باش شۇجى بۇلارنى تەپسىلىي كۆردى.
ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇقلار ئۆتكەن جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭىلىق يارىتىش گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، ھايات - ماماتلىق تاللاش. «گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي شۇنچە كۆپ يىل تاۋلىنىش ئارقىلىق، ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى، بۇ يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن بولغان ئالاقەڭلار زىچ، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىڭلار مول. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش جەريانىدا، يەنە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ئەمەلىي قوللىنىشقا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىشىڭلار كېرەك».
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاچقۇچ تۈپ پىرىنسىپنى چىڭ ساقلاش، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن جانلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش كېرەك.
«چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا گۇاڭدۇڭ ئاساسىي قوشۇن، پاراۋۇز.» بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى رايون تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن گۇاڭدۇڭنىڭ يېڭى ئورنى ئۈستىدە يەنىمۇ ئويلاندى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى قۇرۇش گۇاڭدۇڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەم مۇھىم مەسئۇلىيەت، ھەم تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتى. ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىرىنچى قاتاردىكى قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى شەھەر توپى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».
دىققەت نەزەرىمىزنى ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا قايتۇرۇپ كېلەيلى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوينالغان ئۈچ بۆلەك ئويۇنغا كىشىلەرنىڭ «يىلتىزداش - مەنبەداش» «قەلبداش - تەقدىرداش» «ئورتاق ئارزۇنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش»تەك ئورتاق ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن.
«ئىلگىرىكى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى قەلبىمىزدە ساقلايمىز»؛
«كەلگۈسىمىز ئارزۇغا تولغان، بىز بىرلىكتە يول ئاچايلى»؛
«قول تۇتۇشۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنياغا بىز ھەممىمىزنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرەيلى»؛
…
ناخشا ساداسى چوڭ قولتۇق رايونىدىكى 80 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. نەق مەيداندا، نۇرغۇن كىشى رىتىمغا ئەگىشىپ پەس ئاۋازدا جور بولۇپ ئېيتىپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە تەلپۈندى.
«بۇ كاتتا مەرىكىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، مەنىۋى رىشتىنى چىڭىتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ياراتقىلى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى، كەلگۈسىنى پىلانلىدى.
15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئىلىگە بۇ كۈنى كەچتە يالقۇنلۇق ئوت تۇتاشتۇرۇلدى. مەشئەل يەتكۈزۈش 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شېنجېن ليەنخۇاشەن باغچىسىدىن باشلىنىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، گۇاڭجوۋدا ماس قەدەمدە پەللىدىن چىقتى، چوڭ قولتۇق رايونىدىكى شەھەرلەر توپى مەشئەلنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىدا بىر «مەركەزداش چەمبەر» سىزىپ چىقتى.
چوڭ قولتۇق رايونىدا جەم بولدۇق، ھېكايە يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ.
ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتمەكتە. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، بۇ يولدا مېڭىش شۇنچە جاپالىق ۋە قىيىن بولسىمۇ، شۇنچە مەردانە، قەتئىي ماڭدۇق! «ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، گۈللىنىشكە قەتئىي ئىرادە باغلىغان جۇڭگو پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز يولىدا ياخشى ماڭماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سەنيا\گۇاڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)