□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يەن فۇجىڭ، دۇڭ شۆ
«جۇڭگو بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق دەل پۇرسەت بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق، جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىك دەل ئەتىگە ئىشەنگەنلىك، جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق دەل كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق».
10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، كورېيەنىڭ چىڭجوۋدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC)نىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ APEC سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا يازما نۇتۇق سۆزلەپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش توغرىسىدا سەمىمىي تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ يىل 3 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا خەلقئارا سودا - سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، يەنە جۇڭگو پۇرسىتىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، كەڭ ئورتاق سادا قوزغىغانىدى. بۇ قېتىمقى يازما نۇتۇقتا رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو «تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى» «ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى» «كەڭ يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسى» «يېشىل ئېشىش شارائىتى» ئارقىلىق دۇنيا سودا - سانائەت ساھەسىنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن مۇنبەت تۇپراق يارىتىپ بېرىدۇ.
جۇڭگو داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىپ، دۇنيا سودا - سانائەت ساھەسىگە تېخىمۇ كەڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
بۇ قېتىمقى كورېيە سەپىرى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى.
4 - ئومۇمىي يىغىندا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.
مەيلى APEC رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېچىۋېتىش - تەرەققىيات داۋامىدا پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش»تا بولسۇن، ياكى 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش»تا بولسۇن، «تەرەققىيات» بىلەن «پۇرسەت» باشتىن - ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىكى يادرولۇق ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى.
ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
مال سودىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسى كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم دۇنيا بويىچە 1 - ۋە 2 - ئورۇندا تۇرۇپ، جەمئىي 700 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلدى؛ جۇڭگو ئىقتىسادى %5.5 ئەتراپىدا ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى %30 ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇردى... بۇ سانلار جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقانلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى بولۇپ، تاشقى خىرىس، بوران - چاپقۇن كۈچلۈك بولغان ئارقا كۆرۈنۈشتە تولىمۇ قىممەتلىك. ئېنىقسىزلىققا تولغان دەۋردە، جۇڭگو «ئېنىقلىققا تولغان بوستانلىق»قا ئايلاندى.
ھازىر، دۇنيا يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ: ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ، ياكى زومىگەرلىك، ئورمان قائىدىسىگە قايتىش كېرەكمۇ؟ كۆپ تەرەپچىلىك، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكمۇ ياكى يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا يۈزلىنىش كېرەكمۇ؟ قايسى يولنى تاللاش دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
30 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش دولقۇنىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى قوللاشنى نىشان ۋە ئاساسىي مەقسەت قىلغان.
بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مەۋقەنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: «بۈگۈن بىز كورېيەدە يەنە بىر قېتىم جەم بولدۇق، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ ۋە ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ئارقىلىق دۇنياغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».
بۇ، ھەم ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن كۈتكەن ئۈمىد، شۇنداقلا دۇنياغا بولغان ئىلھام. رەئىس شى جىنپىڭ بىر قاتار ئەمەلىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى −
كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى رايون ئىقتىسادىي مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى ئورتاق قوغداش، سودىنى رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى؛ باشلامچىلىق بىلەن تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداش، باشلامچىلىق بىلەن ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش، باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى؛ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى...
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىغا «قولنى قويۇۋېتىش» ئەمەس، بەلكى «قول تۇتۇشۇش»تەك قەتئىي مەيدانى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنغان.
زامانىۋىلاشتۇرۇش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈزۈلمەس ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن تاشقى ئايلىنىشنى كېڭەيتىشكىچە، يەنە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال مۇقىم ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يول بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ھەمكارلىشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق بىرىكىش نۇقتىسى.
بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى ۋە ئالدىن كۆرەر نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولغان مەزگىلدە ئېنىق يۆنىلىش ۋە مۆلچەر بىلەن تەمىنلىمەكتە.
بۇ قېتىمقى كورېيە سەپىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتى داۋامىدا جۇڭگو پۇرسىتىنى كۆپ قېتىم بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە: «ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلەندۇق» دەپ كۆرسەتتى؛ كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە: «كورېيە تەرەپ بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىشنى خالايمىز» دەپ بىلدۈردى؛ تايلاند زۇڭلىسى ئانۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە: «جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى خالايدۇ» دەپ ئايدىڭلاشتۇردى...
«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)