شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى، لى شى قاتناشتى

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يولداش خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، سەي چى، لى شى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ ئالىيجاناب روھىي خىسلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى شى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ شانلىق ھاياتى ۋە ئالاھىدە تۆھپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش خۇ ياۋباڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ئارمىيەمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي خىزمەتچىسى، ئۇزاق مەزگىل پارتىيەنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قالتىس رەھبەر، ئۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش خۇ ياۋباڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، كوممۇنىزم ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەس ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۇنىڭغا ئوخشاش غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئورتاق غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش خۇ ياۋباڭ ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ۋە تەشكىلىي لۇشيەندىكى قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش خۇ ياۋباڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن يۈرەك - قېنىنى سەرپ قىلدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۇنىڭغا ئوخشاش باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ خەلقچىللىق ھېسسىياتى سەمىمىي ھەم چوڭقۇر بولۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنى تېزرەك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۇنىڭغا ئوخشاش باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، پۇختا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش خۇ ياۋباڭ پارتىيە ئىستىلىنى توغرىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۇنىڭغا ئوخشاش توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ساقلاپ، ھەممە ئىشتا ئۈلگە بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى قەتئىي توسۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشى كېرەك.
سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ ئالىيجاناب روھىي خىسلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىندى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ جيەنفا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن شۆيۈەن باشلىقى) شيې چۇنتاۋ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى ئا دۇڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن شياۋمىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.
شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، جاڭ شېڭمىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، يولداش خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.