پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىش كېرەك

2025-11-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىش كېرەك

جاۋ لېجى مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق بىلەن ماسلىشىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، مۇھىم ۋەزىپە، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. قانۇنچىللىق خىزمىتى تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھەلەر قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش قىلىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىشى كېرەك.

مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى.

جاۋ لېجى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ، يېڭى مۇساپىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، بۇ ئىدىيە ئارقىلىق تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، ئۇنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە نامايان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مۇستەھكەم قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەل بولغان قانۇن قائىدىسى سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىش كېرەك.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، تيەنجىن شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

شى تەيفېڭ، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، جاڭ شېڭمىن، ۋۇ جېڭلۇڭ، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلىك، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر، بىڭتۇەن)نى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.