جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى​

2025-12-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2026 - يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى كۆزىتىش بويىچە تولۇق قاپلاشنى تاماملاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2026 - يىلى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېس قىلغىلى، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ نەتىجە ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك. ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سېلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ يول قويماي، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشنى تۈزەش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

يىغىن كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشقا قوشۇلدى.