2025 - يىللىق جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئوبرازى توغرىسىدىكى دۇنياۋى تەكشۈرۈش دوكلاتى:
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوغا بولغان ياخشى تەسىراتى سىجىل ئاشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 2025 - يىللىق جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئوبرازى توغرىسىدىكى دۇنياۋى تەكشۈرۈش دوكلاتى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش قاتارلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە تەجرىبىلىرى خەلقئارانىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوغا بولغان ياخشى تەسىراتى سىجىل ئاشقان، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلغان.
بۇ قېتىمقى دۇنياۋى تەكشۈرۈشنى يەرشارى ۋاقىت گېزىتى تەتقىقات ئورنى كونكرېت ئىجرا قىلدى. تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسى 46 دۆلەتتىكى تەخمىنەن 51 مىڭ 700 خەلق ئاممىسىدىن ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 15 تەرەققىي تاپقان دۆلەت ۋە 31 تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بار بولۇپ، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە دۆلەتلەر ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر، توققۇز كېسەك ئالتۇن دۆلىتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى قىسمەن مۇھىم ئىدىيەلەر تاللىنىپ، چەت ئەلدىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغان خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرى ئېلىندى. «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەلەر خەلقئارادىكى %80كە يېقىن خەلق رايىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش» «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» «خەلقنى مەركەز قىلىش» ئىدىيەلىرىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىشى %70تىن ئاشتى.
تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %70كە يېقىن خەلق ئاممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى قاتارلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئىزچىل مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە جۇڭگونىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتىكى تەرەققىيات تەجرىبىلىرى تونۇشتۇرۇلدى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىمدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى بۇنىڭغا ئوبيېكتىپ، ئىجابىي تونۇشتا بولغان ۋە باھا بەرگەن.
تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %80تىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى 2025 - يىلىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئىجابىي باھا بەرگەن، %90كە يېقىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى كەلگۈسى ئون يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈرگەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %80كە يېقىن خەلق ئاممىسى جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %70كە يېقىن خەلق ئاممىسى جۇڭگوغا نىسبەتەن ياخشى تەسىراتتا بولغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش نىسبىتى تۆتتىن ئۈچ قىسىمدىن ئاشقان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %90تىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى جۇڭگوغا قىزىقىش تۇيغۇسىدا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە %40تىن كۆپرەكىنىڭ قىزىقىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان.
خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ياراشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %80 ئەتراپىدىكى خەلق ئاممىسى جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشى ياكى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
خەلقئارادىكى ئومۇمىي خەلق رايى ئىچىدە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %70تىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى كەلگۈسىدە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ «پەسىيىشكە يۈزلىنىشى»نى ياكى «ھازىرقى ھالەتنى ساقلىشى»نى ئۈمىد قىلغان. «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ قايسىسىغا بولغان ياخشى تەسىرات تېخىمۇ يۇقىرى» دېگەن سېلىشتۇرۇشتا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگونى تاللاش نىسبىتى %39، ئامېرىكىنى تاللاش نىسبىتى %26 بولۇپ، جۇڭگوغا بولغان ياخشى تەسىرات ئامېرىكىغا بولغان ياخشى تەسىراتتىن ئېشىپ كەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا بويىچە يۇقىرى سوممىلىق تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشى كەڭ كۆلەمدە ئەندىشە پەيدا قىلغان ۋە تەنقىدكە ئۇچرىغان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %60تىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى تەنقىدىي پىكىر ۋە قارشى پىكىردە بولغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوللانغان قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە كۈچلۈك چەكلەش تەدبىرىگە قارىتا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %70تىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى %80تىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى ئۆز دۆلىتىنى جۇڭگو بىلەن نورمال مۇناسىۋەتتە، دوستانە ياكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە دەپ قارىغان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى كەلگۈسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەت ئەلدىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىمدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئىجابىي ۋە ئوبيېكتىپ باھا بەرگەن.