شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان «خەلقئارا تىنچلىق ۋە ئىشەنچ يىلى مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2025-12-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، «خەلقئارا تىنچلىق ۋە ئىشەنچ يىلى مۇنبىرى» تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل تۈركمەنىستان تەكلىپ بەرگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن خەلقئارا تىنچلىق ۋە ئىشەنچ يىلى، بۈگۈن يەنە تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈ بىتەرەپلىك ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىغا توغرا كەلدى. جۇڭگو - تۈركمەنىستان ئىككى دۆلەت مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك ياخشى دوستلار، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ مەڭگۈ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئىجابىي تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۇنياۋى خىرىس ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتىدۇ، توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىۋاتىدۇ، دۇنيا تىنچلىق ۋە ئىشەنچنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك چاقىرماقتا. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق قانچە گىرەلىشىپ كەتكەنسېرى، خەلقئارا جەمئىيەت شۇنچە جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى كېرەك. بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، تىنچلىق قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، تالاش - تارتىشلارنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىققا، مۇشتۇمزورلۇققا، باشقىلارنىڭ زىيىنى بەدىلىگە پايدا ئېلىشقا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئىشەنچ قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىپ، خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى ئىشلاردا كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش، خەلقئارا تەرتىپنى بىرلىكتە قوغداش، ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىندا، مەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدىم. جۇڭگو تەرەپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.