شى جىنپىڭ مەركەز كارخانىلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇش كېرەك
لى چياڭ مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەركەز كارخانىلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىدە تايانچلىق ۋە تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە مەركەز كارخانىلىرى زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تولۇق تونۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشى كېرەك. دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يادرولۇق ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مەۋقەنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.
مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مەركەز كارخانىلىرىغا قارىتا ئېنىق تەلەپ ۋە سەمىمىي ئۈمىد ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىككە ۋە يېتەكچى خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، مەركەز كارخانىلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، مەركەز كارخانىلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك. چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش ۋە رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق، ئالدىن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا ئېغىر ۋەزىپىنى ياخشى زىممىسىگە ئالىدىغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلىجىتىش داۋامىدا ئاساسىي تىرەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تەرەققىيات ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئومۇمىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى يېتەكلەپ ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.
جاڭ گوچىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.