باش قىشتىكى سىچۇەن چېڭدۇدىكى دۇجياڭيەندە تاغلار يەنىلا ياپيېشىل ئىدى، سۇلار ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتاتتى. 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ جايدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پايتەختتىن باشقا جايلاردا «گالىستۇك تاقىماي» دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشتىكى ئۆزگىچە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئايلاندى. بۇ قېتىم ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنىڭ دۇجياڭيەندە ئۇچرىشىشى ھەم ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىسىدىكى چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلماقتا، شۇنداقلا تارىخنى بۈگۈنگە ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىگە ئىلھام بېرىشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشنى مۇجەسسەملىمەكتە.
دۇجياڭيەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈن دۇنيادا تاكى بۈگۈنگىچە يەنىلا ئىشلىتىلىۋاتقان بىردىنبىر قەدىمكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتلەرنىڭ بىرى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەر قېتىم دۇجياڭيەنگە كەلگىنىمدە ئەجدادلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋەزىيەتكە بېقىپ تەدبىر قوللىنىش، تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدىلىشىش، سۇنى تىزگىنلەپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتىكى ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىمەن، بۇنىڭدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىنى قوبۇل قىلىمەن.
«理治»دىكى «治» خېتىنىڭ ئەسلىي مەنىسى سۇنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، كۆچمە مەنىسى سۇ تىزگىنلەشنى كۆرسىتىدۇ. سۇنى تىزگىنلەش دۆلەتنى ئەمىن تاپتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان چوڭ ئىش. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىمىزدا، بەزى جايلار نەچچە قېتىم گۈللەنگەن، نەچچە قېتىم خارابلاشقان. تارىختا نۇرغۇن گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش ئارقا - ئارقىدىن يۈزبەرگەن. دۆلەتنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىدا، يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىشتا، جەزمەن سۇنى تىزگىنلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك.» دەريا، كۆللەرنىڭ تىنچ ئېقىشى دەريا ۋادىسىدىكى خەلقنىڭ تىنچ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.
دەۋر ئېقىنىدا بەزىدە بوران - چاپقۇن پەسىيىدۇ، بەزىدە شىددەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ. ۋەزىيەتكە تايىنىپ يېتەكچىلىك قىلىش، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش − سۇ ئامبىرى، توسما ياساشلا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي يەر شەكلى، سۇ - قۇملارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش بولۇپ، بۇ، دۇجياڭيەن توسمىسىنى لايىھەلەش پەلسەپەسى، ئۇ، تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدىلىشىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئىدارە قىلىش يولىنى چوڭقۇر ئىلھام بىلەن تەمىنلىمەكتە.
2000 نەچچە يىل ئىلگىرى ياسالغان بۇ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى شىددەتلىك دەريا سۈيىنى تىزگىنلەپلا قالماي، يەنە ئۇزاق يىللار داۋامىدا «بايلىقى مول مۇنبەت تۇپراق»نىڭ تىنچلىقىنى سىجىل قوغدىدى. «ياسىلىش جەريانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يول ئاچىدىغان روھىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدۇ.» «فىرانسۇز مىللىتى ئوخشاشلا ئېگىلمەس - سۇنماس روھقا ئىگە»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن زۇڭتۇڭ ماكرون چوڭقۇر ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولدى.
جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان مىللەت بولۇپ، ھەر ئىككىسى قەدىمىي، دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەدەنىيلىككە ئىگە، ھەر ئىككىلا دۆلەت مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان چوڭ دۆلەت. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك؛ شۇنداقلا زۇڭتۇڭ ماكرون ئېيتقاندەك، فىرانسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تۇتاش.
سۇنى تىزگىنلەش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئىدارە قىلىش. جۇڭگودا قەدىمكىلەر دائىم «ئىدارە قىلىش» دېگەن سۆز ئارقىلىق تىنچ، خاتىرجەم بولۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «ئىدارە قىلىش» دېگەن بۇ سۆزگە كىشىلەرنىڭ تىنچ، گۈزەل دۇنياغا بولغان ئارزۇسى تېخىمۇ مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە يىراقنى كۆرەر، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
2019 - يىلى فىرانسىيە نىستىكى كېچىلىك سۆھبەتتىن 2023 - يىلىدىكى جۇڭگو گۇاڭجوۋ سۇڭيۈەن ئۇچرىشىشىغىچە، يەنە 2024 - يىلىدىكى فىرانسىيە تۇرمالەي تاغ ئېغىزىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشقىچە ... ھەر قېتىملىق ئۆزگىچە ئۇچرىشىشتا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن ھەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، ھەم تارىخ ۋە مەدەنىيلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش مۇھىم قارالمىسىنى چۆرىدەپ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇردى.
«ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەدىن ئىبارەت تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىككى چوڭ دۆلەت سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ».
جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىلگىرى «ئېگىز تاغ - ئېقىن سۇلاردا سىرداش دوستلار بىلەن ئۇچرىشىش»تەك ئالاقىلىشىش داستانىنى ئورتاق پۈتكەنىدى. بۇ قېتىم دۇجياڭيەندە جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە «سۇنىڭ تىزگىنلىنىشى» سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم دوستلۇق، چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)