− تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتلەرنىڭ كۈچەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شېن چېڭ، ۋۇ يۈ
ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەت، دەل جايىدا بولغان ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋاسىتە.
بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلىتىمىز ماكرو ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى، ماكرولۇق سىياسەت تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولدى، سىياسەتتىن ئىبارەت بۇ «قورال ساندۇقى» تېخىمۇ مول كۈچ قوشتى.
تۈرلۈك سىياسەتلەر پەيت تۇتۇلۇپ كېڭىشىلدى، ۋەزىيەتكە قاراپ يولغا قويۇلدى، نۇرغۇن مەبلەغ تېز ئەمەلىيلەشتى، كارخانىلارغا نەپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈلدى... سىياسەت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇرغۇپ تۇرغان تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك مۇستەھكەملىنىپ ۋە كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
مالىيە، پۇل سىياسىتىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىلدى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىندى
يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى «دۆلەت ياردەم پۇلى» بېرىلىدىغان بۇيۇملار قاتارىغا كىرگۈزۈشتىن بالا بېقىش ياردەم پۇلى تارقىتىش، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى تەدرىجىي ھەقسىز يولغا قويۇشقىچە، يەنە چاڭجياڭ دەرياسى بويى تۆمۈريولى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە... بۇ يىلدىن بۇيان، بىر قاتار تەرەققىيات زور ئىشلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ماكرولۇق سىياسەتنىڭ مەدىتىدىن ئايرىلمىدى.
تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش مۇھىم تۈگۈن نۇقتىدا ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ چىقىرىلغان خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش.
«جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، ئاكتىپ ئامىل ۋە پايدىلىق شارائىتتىن تولۇق، دەل جايىدا پايدىلىنىشتا ماكرولۇق سىياسەت تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك» دېدى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو لىيەن.
ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتىكى ئىككى چوڭ مۇھىم سىياسەت قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل مالىيە، پۇل سىياسىتى جانلىق تەڭشەلدى، قوش تەڭشەش يۈزلىنىش قىلىندى: مالىيە سىياسىتى «ئاكتىپ» بولۇشتىن «تېخىمۇ ئاكتىپ» بولۇشقا ئۆتۈپ، ئۇدا 14 يىل يولغا قويۇلغان «پۇختا پۇل سىياسىتى» «مۇۋاپىق كەڭ بولغان پۇل سىياسىتى»گە تەڭشەلدى.
مالىيە سىياسىتى تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلار بېجىرىلدى −
10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنلىك پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. ھازىرغىچە ئالاقىدار مەبلەغ ئاساسىي جەھەتتىن چۈشۈرۈلۈپ بولدى.
«بۇ يىل دۆلىتىمىز 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنلىك پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم ئورۇنلاشتۇرۇپ، <ئىككى مۇھىم> <ئىككىنى يېڭىلاش>نى كۈچەپ قوللىدى، بۇ، مالىيە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بولغانلىقىنىڭ زور ئىپادىسى بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ قالدى» دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە - ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنى مالىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خې دەيشىن.
بۇ يىلدىن بۇيان، مالىيە سىياسىتى سىجىل كۈچىدى، تېخىمۇ كۈچ بەردى، ساقلانما مىقدار سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى سىجىل جارى قىلدۇرۇلۇش بىلەن بىللە، يېڭى كۆپەيمە سىياسەتلەر قوشۇلدى.
قىزىل رەقەم نىسبىتى %4 ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈلدى؛ ئالدىنقى 10 ئايدا مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 22 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ ھەر دەرىجىلىك مالىيە زايوم مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى تېزلەتتى، ئالدىنقى 10 ئايدا يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى، پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم، مەركەز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەبلەغ قوشقان ئالاھىدە زايوم قاتارلىق مەبلەغلەردىن جەمئىي 4 تىرىليون 540 مىليارد يۈەن چىقىم قىلدى... مالىيە جەھەتتە سىياسەت «بىرىكمە تەدبىر»ىنى تۈزۈپ چىقىش ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
پۇل سىياسىتى مۇۋاپىق كەڭ بولۇپ، پۇل مۇئامىلە مەبلىغى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى −
بۇ بىرنەچچە كۈندە، شەندۇڭ جىنەندىكى يىلەيتې ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار 22 مېتىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى ھالقىسىمان پىششىقلاش ماشىنىسىنى سىناق قىلىپ قۇراشتۇرماقتا. «بىز بۇ يىل سودا - سانائەت بانكىسىدىن 190 مىليون يۈەنلىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش قەرز پۇلىغا ئېرىشتۇق ھەم تەكرار قەرز سىياسىتىنىڭ مەدىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق، بۇ، كارخانىمىزنىڭ ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى» دېدى كارخانىنىڭ مالىيە مەسئۇلى نيۇ دۇڭمېي.
كۆپ تۈرلۈك قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتى قورالىنى تەسىس قىلىش ۋە يولغا قويۇش، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىش، سىياسەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىپ تەڭشەش... بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مۇۋاپىق كەڭ بولغان پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شارائىتىنىڭ نىسبەتەن كەڭ بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇۋاپىق مۇھىت ياراتتى.
10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 430 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، كەڭ مەنىدىكى پۇل (M2) قالدۇق سوممىسى 330 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، خەلق پۇلى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 270 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى... پۇل مۇئامىلە مەبلىغى يېتەرلىك ھەم مۇقىم بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد مۇنبەت تۇپرىقىغا ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىردى.
4 - پەسىلدىن بۇيان، كۆپلىگەن تاشقى مەبلەغ ئاپپاراتلىرى جۇڭگونىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنى ئۆستۈردى. خەلقئارادىكى زاتلار مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئاساسىدا قولغا كەلگەن بولۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارغا دائىر بىر قاتار ماكرولۇق سىياسەتلەرنىڭ دەل جايىدا كۈچىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋرىشىملىكى تولۇق نامايان بولدى.
ماكرولۇق سىياسەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكى كۈچەيتىلدى، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، بايلىق «ئادەمگە مەبلەغ سېلىش»قا ئىشلىتىلدى
«ماكرولۇق سىياسەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش» بۇ يىل ماكرولۇق سىياسەت تۈزۈش، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، بايلىق «ئادەمگە مەبلەغ سېلىش»قا ئىشلىتىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ زور ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
بۇ يىل 7 - ئايدا، «بالا بېقىش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى بوۋاق، بالىلار بار 20 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىگە نەپ يەتكۈزىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
«بالا بېقىش ياردەم پۇلى <خاسىيەتلىك يامغۇر> بولۇپ، ئائىلىمىزنىڭ چىقىم بېسىمىنى يېنىكلەتتى» دېدى چىڭخەي ئۆلكىسى خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىڭخەي ناھىيەسى جۇڭتيې يېزىسى چاچىڭ كەنتىدىكى بوۋاقنىڭ ئاپىسى ياڭ گېجى. 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، چىڭخەيدە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن 170 مىڭ بوۋاق ۋە بالىغا 540 مىليون يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغى تارقىتىلدى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مالىيەدىن خەلق تۇرمۇشىغا 100 تىرىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىندى؛ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشتى، مائارىپ چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى؛ 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قەرز پۇلى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسپى قەرز پۇلى ئايرىم - ئايرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2، %58.2 ئېشىپ، بارلىق قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى... تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان جايلارغا ئىشلىتىلدى.
ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش داۋامىدا يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىندى.
بۇ يىل 5 - ئايدا، جۇڭگو خەلق بانكىسى 500 مىليارد يۈەنلىك مۇلازىمەت ئىستېمالى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەكرار قەرزى تەسىس قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى مۇلازىمەت ئىستېمالىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسىپلىرىگە بولغان پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى زورايتىشقا رىغبەتلەندۈردى، يېتەكلىدى.
«قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل مەدىتىدە، بىز ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش كەسپىنى يەنىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدە ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردۇق» دېدى جياڭسۇ نەنجىڭ فۇكاڭتۇڭ ساغلاملىق كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ مىڭ.
300 مىليارد يۈەنلىك پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا مەدەت بېرىلدى؛ ياشانغاندا كۈتۈنۈش - ھاۋالىلىك بېقىش، مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيە، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇلازىمەت ئىستېمالى كېڭەيتىلدى؛ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى قوللايدىغان 19 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر يولغا قويۇلدى... بۇ يىلدىن بۇيان، كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەر خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قوزغاتتى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى.
«خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىل ماكرولۇق سىياسەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىستېمال قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ كۈچەپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز» دېدى خې دەيشىن.
سىياسەت «بىرىكمە تەدبىر»ى ياخشى يولغا قويۇلدى، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى
بۇ يىل 9 - ئايدا، ئىستېمال قەرز پۇلى ساھەسى «دۆلەت ياردەم پۇلى»نى كۈتۈۋالدى! شەخسىي ئىستېمال قەرز پۇلى ۋە مۇلازىمەت كەسپى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى قەرز پۇلى بويىچە ياردەم پۇل بېرىلدى − مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىقلار ئورتاق تۈزگەن بۇ ئىككى تۈرلۈك ياردەم ئۆسۈم سىياسىتى مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ قالدى.
جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ بانكا بىلەن مالىيە ياردەم ئۆسۈم مۇلازىمىتى كېلىشىمى ئىمزالىغان مۇئامىلىدار 1 مىليون 280 مىڭ بولۇپ، ئىستېمال قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 37 مىليارد 900 مىليون يۈەن كۆپەيگەن. «ئىككى تۈرلۈك ياردەم ئۆسۈم سىياسىتى ماسلىشىپ كۈچەش، <دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش>نى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە مەبلىغىنىڭ ئىستېمالدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە قاراپ ئېقىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى بېيجىڭ سىفەن داشۆسى ئىقتىساد ۋە سودا - سانائەت باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيې.
ماكرولۇق سىياسەت مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، پەن - تېخنىكا، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى، بۇ يىلدىن بۇيان، كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇشتا ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، «2<1+1» ئۈنۈمىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىيو تېببىي دورا بويىچە رايون تېخنىكا يۆتكەش - ئايلاندۇرۇش مەركىزى(جياڭسۇ نەنجىڭ)نىڭ كۈچ قوشۇشىدا، جۇڭگو دورىگەرلىك ئىلمى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى گو چىڭلۇڭنىڭ كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ ئاچقان بىر يېڭى دورا تۈرىدە تېخنىكىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تاماملاندى. «كوللېكتىپىمىز ئايلاندۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۇقۇمنى دەلىللەش بويىچە مەبلەغ مەدىتىگە ئېرىشتى ھەم كۆپلىگەن بانكىدىن نەچچە مىليون يۈەنلىك ئىناۋەتلىك قەرزگە ئېرىشتى، تېخىمۇ مۇھىمى مالىيە مەبلىغىنىڭ ياردەم ئۆسۈمى بولغاچقا ۋە خەۋپ - خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالغاچقا، كېيىنكى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى» دېدى گو چىڭلۇڭ.
9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پەن - تېخنىكا قەرز پۇلىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن سوممىسىنىڭ بارلىق قەرز پۇلنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30.5 بولدى؛ پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى قەرز پۇل قالدۇقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.3 ئاشتى؛ بانكىلار ئارا زايوم بازىرىدا 277 ئاساسىي گەۋدە 669 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زايومى تارقاتتى... بۇ يىلدىن بۇيان، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش تەكرار قەرزى، زايوم بازىرى «پەن - تېخنىكا بۆلىكى» قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەر سىجىل كۈچىدى.
ئالدىنقى ھەپتىدىلا، جۇڭگو خەلق بانكىسى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇنداق بىلدۈردى: ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش تەكرار قەرز سىياسىتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، زايوم بازىرى «پەن - تېخنىكا بۆلىكى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولىمىز.
ماكرولۇق سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش ماكرولۇق سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى.
3 - ئايدا ئېلان قىلىنغان «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»دە: «ماكرولۇق سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، سېلىنما قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنى ئىستېمال سىياسىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، ماكرولۇق سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تۈرلۈك سىياسەتنى تۈزۈپ يولغا قويۇش جەريانىدا، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، سىياسەتنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇش پۇرسىتى، سالمىقى، رىتىمى ياخشى ئىگىلىنىپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە كۆپەيمە سىياسەتنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشنى يەنىمۇ پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي سىياسەت، ئىقتىسادتىن باشقا سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساقلانما مىقدار سىياسىتى بىلەن بىرلىكتە باھالاشقا كىرگۈزىمىز.
ئوتتۇرا ئېقىندا شىددەتلىك دولقۇن بىلەن ئېلىشىپ، پالاق تېخىمۇ كۈچەپ ئۇرۇلدى. ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن، سىجىل موللاشقان، تېخىمۇ كۈچ بېرىدىغان ماكرولۇق سىياسەت «قورال ساندۇقى» ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك سىگنال تارقىتىپ، تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قوغدايدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)