شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ كاستنىڭ چىلىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2025-12-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كاستقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ چىلى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىلى تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردە مول ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو - چىلى مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى، جۇڭگو - چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. مەن جۇڭگو - چىلى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سايلانغان زۇڭتۇڭ كاست بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايمەن.