شى جىنپىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 7 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2025-12-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 7 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلاردۇڭ شۆ، فېڭ شىنرەن) 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 7 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدىكى «يېڭى 60 يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئەۋرىشىملىكى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 68 مىليارد 750 مىليون دوللارغا يەتتى، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش سوممىسى جەمئىي 27 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

بىرىنچى، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپنى مۇھىم، كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئەمەلىي كۈچى، ئارزۇسى بار جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل ۋە رەقەملىك ئىقتىساد، بىيوتېببىي دورا، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئادىل، ئاشكارا، كەمسىتمەيدىغان، كۆزلىمىلىك تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو - ياۋروپا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بىر - بىرىگە تايىنىش خەۋپ ئەمەس، مەنپەئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تەھدىت ئەمەس. جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كېيىنكى 50 يىلىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بىرلىكتە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىدىن كېيىن، بۇ يىل 9 - ئايدا مەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ. فىرانسىيە كارخانىچىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن داۋاملىق ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز.

جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كارخانىلىرى قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەردىن بولۇپ تەخمىنەن 150 كىشى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.