جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى
2026 − يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا 2026 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشتە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز تۈرلۈك زەربە ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق قاتتىق ئەمەلىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت، تۈزۈم، دىپلوماتىيە قاتارلىق يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق، «14 - بەش يىل» پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ بولغان پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ساقلانما سىياسەت ۋە كۆپەيمە سىياسەتنىڭ توپلانما ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ ساھەدە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ «قوش كاربون»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك؛ تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى پائال، پۇختا تۈگىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ھەم مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كارخانىلارنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك پۇلىنى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك. دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ مۇكەممەل جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قانۇنچىللىق ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلاپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.