جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2025-12-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى چياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە يۈكسىلىشىدىكى تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى چياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن دۇڭشېڭ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى گاۋ خۇڭجۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ چىقارغان ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلىدى ھەم كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇمات ئامىلى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى بەرپا قىلىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز بۇنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ قوبۇل قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ناھايىتى پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز تۈرلۈك زەربە، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق، «14 - بەش يىل» پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش بويىچە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ ۋاقتىدا تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، تولۇق چۈشىنىپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئويلاش، بىر سەپتە تۇرۇش، بىرلىكتە ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، پائال تۈردە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئۈچۈن قىزغىن ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قىممىتى بار، سالمىقى بار پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ سىياسەتنى تەشۋىق قىلىدىغان، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقە باغلىغان ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىش، روھنى ئۇرغۇتۇشقا يېتەكلەپ، ياخشى تەرەققىيات كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، فاڭ گۇاڭخۇا، دۇ يىڭفېن قاتارلىقلار بار.