□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
ۋاقىتنىڭ ئۇزاق ئېقىنى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. 2025 - يىلى، دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە جۇڭگو جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى يەنە بىر قېتىم ئويۇلدى.
«دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ۋە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئارازلىق ۋە توقۇنۇشتىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ھالقىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرىگە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق».
بۇ بىر يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇلۇت - تۇمانلارنى يېرىپ ئۆتىدىغان يىراقنى كۆرەرلىكى، دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھېسسىياتى بىلەن، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئادىل - ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت قوشتى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە يېڭى شانلىق سەھىپە پۈتۈپ چىقتى.
(1) تارىخىي زور دولقۇندا دىققەتنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچىگە مەركەزلەشتۈردى
«مەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاشنى خالايمەن.»
2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ، 2021 - يىلىدىكى دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، 2022 - يىلىدىكى دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، 2023 - يىلىدىكى دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىدىن كېيىن، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنى تەمىنلىگەن يەنە بىر مۇھىم خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىگە ئەمەل قىلىش، خەلقئارا قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىش، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ھەرىكەت يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش... دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدەيدىغان، ئىلگىرىلىمىسىلا چېكىنىپ كېتىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، جۇڭگو ئىدىيەسى قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىللارنى يورۇتتى، جۇڭگو لايىھەسى دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلار بىلەن زىچ كۆرۈشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىخچام، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «تارىخ بىزگە شۇنداق ئىلھام بېرىدۇكى، كۆپ تەرەپچىلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا جاۋابى.»
گۇتېررېس جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قەتئىي، كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «ھازىر، كۆپ تەرەپچىلىك، خەلقئارا قانۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى خىرىسقا دۇچ كەلدى، خەلقئارا ئىدارە قىلىش رامكىسى ئىسلاھ قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق، 80 يىل ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەت ۋە قىممەت ئىدىيەسىنى يېڭىباشتىن چۈشىنىشنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى».
بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. يەرشارىغا نەزەر سالساق، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمى ئۆزگەرمىدى، لېكىن سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تۇمانلىرى تارقىمىدى، مىلىتارىزمنىڭ قالدۇق زەھىرى، تارىخىي شيۇجېڭجۇيى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، يېڭى تەھدىت، يېڭى خىرىسلار ئارقا - ئارقىدىن پەيدا بولماقتا، دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق تېخىمۇ گىرەلىشىپ كەتتى.
«جۇڭگو خەلقى قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلدى».
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى دۇەنمېن دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ بولدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن، كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بار؛ كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل قاتارلىق تاغ ۋە دېڭىز ھالقىپ كەلگەن رەھبەرلەر بار؛ يەنە شۇ كۈنى سەھەردە بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بار...
تيەنجىندىن بېيجىڭغىچە، ئىككى مەيدان مۇھىم پائالىيەت ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوست زاتلار «مەيدان يۆتكىلىپ» قاتنىشىپ، جۇڭگو مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن چوڭ ئىشقا قاتنىشىشنى ئالدىراش كۈنتەرتىپىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى. خەلق سارىيى ئىچىدە، ئەتىگەندىن كەچكىچە، جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى ئارىسىدا نەچچە ئون مەيدان ئىككى تەرەپ سۆھبىتى زىچ قانات يايدۇرۇلۇپ، دوستلۇق سەمىمىيىتى، ھەمكارلىق قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇردى.
«تارىخ بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر مۇئامىلىدە بولغاندىلا، ئىناق ئۆتكەندىلا، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، ئاندىن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، ئۇرۇش مەنبەسىنى تۈگىتىپ، تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ!» ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلار جۇڭگودا جەم بولدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى چەكسىز قەتئىي بولۇپ، كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنداق دېدى: خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنياغا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ياۋروپا ئاساسىي جەڭ مەيدانى ۋە شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئوينىغان ئاچقۇچلۇق رولىنى نامايان قىلىش ھېسابلىنىدۇ، تارىختىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئورتاق قوغدايدىغان، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغدايدىغان قەتئىي مەيدانىنى بىلدۈرىدۇ؛
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن؛
سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو مۇنداق دېدى: سىلوۋاكىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
«ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيادا توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيسى پاك تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي جاكارلىشى بىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلماقتا.
ھازىر، خەلقئارا جەمئىيەتتە قائىدە، قانۇنچىللىق كەمچىل بولۇپ، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. قانداق قىلىپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىغا ئايلانماقتا.
2025 - يىلنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى «چوڭ يىل» دېيىشكە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى قاتارلىق ئىدىيە، تەشەببۇسلار دۇنيانىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىپ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە خىرىسقا ئورتاق يۈزلىنىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
− 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇشتىكى بىر قاتار نىشانىنى جاكارلاپ، يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى؛
− 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى تېزلىتىش توغرىسىدا جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاياللارنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قوللىدى؛
− 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ پايدىلىق، بىخەتەر، ئادىل يۆنىلىشكە قاراپ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك...
«دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى تولۇق ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى رەئىس شى جىنپىڭ.
2025 - يىلى، جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى يۇقىرى پەللىگە چىقتى، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ دەۋر خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا داغدام يولدا بىللە ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
(2) دەۋر كۈچلۈك شامىلىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يەلكىنىنى كۆتۈردى
«چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى تەرەققىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ».
2025 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى، خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن ئىچكى تەرەققىياتنىڭ زىچ باغلىنىشى توغرىسىدا مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىلدى.
بۇ بىر يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇپ، ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈش. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، زىچ ھەمتۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تۈردە داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىم، ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن، ئىستراتېگىيەلىك ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئەڭ باي بىر گۇرۇپپا چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى. ئىككى تەرەپ دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ نۇرغۇن قوشما بايانات ئېلان قىلدى. «جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا ئىزچىل تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ مۇقىملىق مەنبەسى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى دۇنياغا قوشنا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنى يەتكۈزدى.
يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى تىزگىنلەش. يىل بېشىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئاساسىي رىتىمنى بېكىتتى. 10 - ئايدا، كورېيە پۇساندا، ئىككى رەھبەر ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى، سۆھبەتلىشىش 100 مىنۇتتىن ئاشتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمراھلاردىن، دوستلاردىن بولۇشى تارىخنىڭ ئىلھامى، شۇنداقلا رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى»؛ زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، شى جۇشى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇلۇغ رەھبەر» «ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ دۇنيادا نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ». رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى غايەت زور پاراخوتىنى جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ئۆتۈشكە يەنە بىر قېتىم يېتەكلەپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تەمكىنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، دۇنيانى مەنپەئەتلەندۈرۈش. رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن دۇجياڭيەندە سەيلە قىلىپ، سۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولىغىچە توختىلىپ، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى «يېڭى 60 يىل»دا تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشتى؛ گېرمانىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ياقلايدىغان، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ساداسىنى ئورتاق ياڭراتتى؛ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولغانسېرى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالاقىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك...
تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولغان جۇڭگو مەڭگۈ دۇنيانىڭ تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، تەرەققىيات كۈچى بولىدۇ.
4 - ئاينىڭ باشلىرىدا، مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلاندى. 4 - ئايدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىدە بولدى، 5 - ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى، 6 - ئايدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا باردى، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا كورېيەگە باردى... 2025 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتكە چىقىشتا دىققىتىنى ئەتراپقا مەركەزلەشتۈردى.
باھار كۈنلىرىدىكى خانويدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. ۋيېتنام رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى كۈتۈۋېلىشنى بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە قارالمىسى قىلدى، زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە بىردەك قوشۇلدى؛
قىزغىنلىققا تولغان كۇئالالۇمپۇردا دوستلۇق مېھرى قويۇق بولدى. مالايسىيا رەھبىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا جۇڭگو تىلىدىكى ناخشا «مېنىڭ ياخشى قېرىندىشىم» ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى، ئىككى دۆلەت يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛
شادلىققا چۆمگەن فىنوم پېندا گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. جۇڭگو - كامبودژا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى؛
تومۇزدىكى ئاستانىدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. ئالتە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئورتاق ئىمزالاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش پىرىنسىپىنى قانۇن شەكلىدە مۇقىملاشتۇردى؛
كەچ كۈزدىكى چىڭجوۋدا، كورېيە ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۈتۈۋالدى. كورېيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە، ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلەن قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى زىيارەت مەزگىلىدە يەنە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى...
بىر يىلدىن بۇيان، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىمۇ بەس - بەستە جۇڭگوغا كەلدى. سىنگاپور زۇڭلىسى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن كۆرۈشۈپ، «جۇڭگو - سىنگاپور دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ باراقسان ئۆستۈرۈپ، مول مېۋىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى؛ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە ۋەنلۇڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى... رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، مەۋقە ئەتراپقا قويۇلغان، ئومۇملۇق پىلانلانغان دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى ئېسىل داستانلىرىنى بىر - بىرلەپ پۈتۈپ چىقتى.
«بۇ سىزنىڭ جۇڭگودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشىڭىز، سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.» 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن كۆرۈشۈپ، يىراق لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدىن كەلگەن بۇ چەت ئەللىك مېھماندىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. رەئىس شى جىنپىڭ 2025 - يىلى كۆرۈشكەن تۇنجى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زۇڭلى مىچېل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېتەكلىگۈچى بولۇپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقئارا ئىشلاردا سۆز - ھەرىكەتتە بىردەك بولدى».
ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاش، بۇ، دەل جۇڭگونىڭ كەڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش يولى.
ھەم دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنىلار بار، ھەم تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىكى ھەمراھلار بار. سىرى لانكا، بىرۇنېي، كېنىيە، بىرازىلىيە، كولومبىيە، چىلى، ئېكۋادور، سېنېگال، تونگا... ئاسىيادىن ئافرىقىغىچە، جەنۇبىي ئامېرىكىدىن ئوكيانىيەگىچە، بۇ بىر يىلدا، زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ئۇزۇن ئىسىملىكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئالدىراشچىلىققا تولغان دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشقا سىڭگەنىدى.
زىمبابۋې، كونگو(بىراززاۋىل) قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى؛ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات، مەدەنىيلىك، تىنچلىق، خەلق رايىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى؛ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتكە قارىتا %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى 60تىن ئارتۇق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى؛ رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەيدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى زىيارەت قىلدى، بانكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىلى»نى باشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىشىغا مەدەت بەردى...
«جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، دۇنيا تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئاچىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىشى بىلەن، جۇڭگو ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشماقتا.
(3) داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش داۋامىدا تەقدىرداش بولۇش مەشئىلىنى كۆتۈردى
دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئارقا - ئارقىدىن يۈزبېرىۋاتىدۇ. ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق تاللاشقا دۇچ كەلدى: ئىتتىپاقلىشىش ياكى بۆلۈنۈش، سۆھبەتلىشىش ياكى قارشىلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ياكى نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش؟
زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، چوڭ ۋەزىيەت، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت، چوڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي ھەم كۈچلۈك بولدى: «مەن ئىزچىل شۇنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىمكى، تارىخنى كەينىگە ياندۇرسا بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك؛ دۇنيا بۆلۈنۈپ كەتسە بولمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك؛ ئىنسانىيەت ئورمان قائىدىسىگە قايتسا بولمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك».
باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو كۈچىنى قوشۇش −
2025 - يىلى 6 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قازاقىستانغا بېرىپ، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. ئاستانا مۇستەقىللىق سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا، ئالتە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بىر «مەركەزداش چەمبەر» ھاسىل قىلدى.
«جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ.» باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلىشىشنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ئالتە دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇش ئارزۇسىغا ئەمەل قىلىش، ئىشەنچ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
1 مىليارد 500 مىليونغا يېقىن نوپۇسنى، 13 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىننى قاپلىغان جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك گۇرۇھ» بولماي، گۇرۇھ سىياسىيسى ۋە سوغۇق ئۇرۇش بويىچە قارشىلىشىشقا تېخىمۇ قارشى تۇرۇپ، «كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى دۇنيا»نىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش بىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىمىز، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش بىزنىڭ تەبىئىي ھوقۇق - مەنپەئىتىمىز، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىزنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىمىز» دەپ چوڭقۇر بايان قىلدى؛ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، <چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى>نى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت ئېنىق سىگنالنى كۈچلۈك چىقاردى؛ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىدا، «دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش»نى مۇراجىئەت قىلدى...
كۆڭلىگە جاھاننى پۈكۈش ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسى، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتەك چوڭقۇر كۆزىتىشى جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىنتىلىدىغانلىقى ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئىزاھلىدى.
ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەش −
3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا سودا - سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»نىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادقا ئېلىپ كەلگەن زەربىسى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: «كۆپ تەرەپچىلىك دۇنيا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى ھەل قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم».
جۇڭگو بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق دەل پۇرسەت بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق، جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىك دەل ئەتىگە ئىشەنگەنلىك، جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق دەل كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق.
ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى تەن سېن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ «كۆپ تەرەپچىلىك» «ئېچىۋېتىش» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ، ھەرقايسى ساھەلەرگە كۈچلۈك مۇقىم سىگنال بەردى؛ سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېي شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ناسىر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىش ۋەزىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي ئېچىۋېتىش روھىنى نامايان قىلدى؛ ئىنتېل ئىكا گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياڭ سېنرۇي مۇنداق دېدى: بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىشەنچىمىز بار، چۈنكى بىز ۋە جۇڭگو ئوخشاشلا ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەيمىز...
48 دۆلەتكە قارىتا يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش يولغا قويۇلدى، چېگرادىن ئۆتۈشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلدى، ئەلالاشتۇرۇلدى؛ 30 دۆلەت ۋە رايون بىلەن 23 ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى؛ «2025 - يىللىق تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» يولغا قويۇلۇپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى سىجىل قىسقارتىلدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىق «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر خەلقئارا ئىقتىساد ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى؛ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى رامكىسىدا ئاممىغا يېقىن بولغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان «ئاددىي ھەم گۈزەل» زور بىر تۈركۈم تۈرلەر قانات يايدۇرۇلدى... جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭگو ھەرىكىتى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى.
11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كورېيە چىڭجوۋ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى كېلەر يىلى 11 - ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت يىغىن ئۆتكۈزۈش باش تېمىسى، «ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىش»تىن ئىبارەت ئالدىن ئويلىشىدىغان ساھە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىگە كۈچلۈك ئۇيغۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا جۇڭگونىڭ كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىش −
«قار گۈللىرى ھەر خىل شەكىلدە ئۇچقۇندايدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكمۇ ئۆزىگە خاس سالاپەتكە ئىگە».
2025 - يىلى 2 - ئايدا، خاربىن 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەت ۋە رايون سانى، تەنھەرىكەتچى سانىدا ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار بىلەن مۇز شەھىرىدە جەم بولدى. تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگو دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيلىكتە سىغدۇرۇشچان بولۇش - بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.
«كۆپ خىل مەدەنىيلىك دۇنيانىڭ خىسلىتى.» 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، ئىنسانىيەت يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق».
بېيجىڭدا، رەئىس شى جىنپىڭ تايلاند پادىشاھى ۋاجىرالۇڭكورنغا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولغان بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنى تونۇشتۇردى؛ ياش خەنشۇناسلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان ياخشى ئەلچىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ مىسىر چوڭ مۇزېيىنىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەدەنىيلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ تيەنجىندە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە رەپىقىلىرى قاتارلىقلار بىلەن سەيلە كېمىسىدە بىللە ئولتۇرۇپ، خەيخې دەرياسى مەنزىرىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئىناقلىق، يۇغۇرۇلۇش جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى...
5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يول بويى چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغۋار ئەندىزىسى ۋە چەكسىز كەڭ قورساقلىقى بىلەن دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتىن ئىبارەت قۇدرەتلىك ئۇلۇغۋار كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلار بىلەن بىرلىكتە ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشتە تايىنىدىغان يەرشارى ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا كۈچ چىقارماقتا.
مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر ھاياجانلانغان ھالدا قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي داھىي بولۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى پىششىق بىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئېنىق مەنزىلى بار، مەدەنىيلىكنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىغان ئۇلۇغ زات؛
يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى رۇسسېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛
بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرغا ئىگە بولۇپ، يىراقنى كۆزلەيدۇ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگو ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ روشەن تەرەققىيات يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى...
يول داغدام، توختىماي ئىلگىرىلىگەنلەر مەنزىلگە يېتىپ بارالايدۇ؛ ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاندا سەپەرداشلار كۆپ بولىدۇ. «جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، دوستانە ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ تۈرتكە بولغۇچىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ».
(مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، سۈن يى، سۈن نەن، ساۋ جيايۆ، شاۋ يىبو)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)