شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ دۇنبۇيانىڭ گىۋىنېيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-01-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مامادى دۇنبۇياغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گىۋىنېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گىۋىنېيە يېڭى جۇڭگو سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىدا تۇنجى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت. ئۇزاقتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئورتاق تەرەققىيات داۋامىدا ئالاھىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. مەن جۇڭگو - گىۋىنېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ دۇنبۇيا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.