شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇڭ شۆ) 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىرېلاندىيە زۇڭلىسى مارتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىرېلاندىيە ئوخشاشلا تىنچلىقنى سۆيىدۇ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزىگە تايىنىپ ئىلگىرىلەيدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلاندى. 2012 - يىلى ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى ئىككى قاتلاندى، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت خەلقى قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش جۇڭگو - ئىرېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە، ئىككى تەرەپ ئورتاق ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىرېلاندىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت - سائادەت يارىتىش، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئىرېلاندىيە ئىككى تەرەپ كۆپ قاتلام - دەرىجىلىك، كۆپ ساھەدىكى دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلىنىدىغان يىل، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىرېلاندىيە تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، تېببىي دورا - ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، تېخىمۇ كۆپ ئىرېلاندىيە ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشتا بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشى خەلقئارا تەرتىپكە قاتتىق زەربە بەرمەكتە. ھەرقايسى دۆلەتلەر باشقا دۆلەت خەلقى ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشى، خەلقئارا قانۇن ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر باشلامچى بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئىرېلاندىيە ئوخشاشلا كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللايدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلقئارا ئىشلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىرېلاندىيە كېيىنكى يېرىم يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مارتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىرېلاندىيە بىلەن جۇڭگو چوڭقۇر، ئۇزاق دوستلۇققا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشماقتا. 2012 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ ئىرېلاندىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىرېلاندىيە - جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە پۇختا ئاساس سالدى. جۇڭگو دۆلەتنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئالاھىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزۈپ ھەم يولغا قويۇپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئىرېلاندىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، سېلىنما، پەن - تېخنىكا، بىيوتېببىي دورا، ھاسىلىي ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. ھەرقانداق خەلقئارا تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشتا ئوخشاشلا خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىش كېرەك. ئىرېلاندىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، خەلقئارا قانۇننى قوغداپ، ئەركىن، ئوچۇق سودىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، ئىرېلاندىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.