«15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدىكى تۇنجى دەرستە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئىگىلەش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2026-01-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ لېي

«15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلى، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى.

«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىل بېشىدىكى تۇنجى دەرسنى سۆزلەپ، «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى.

قانداق قىلغاندا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرگىلى ۋە ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆزنى تەكىتلىدى − ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا بولۇش.

«ئومۇميۈزلۈك بولۇش − ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈش».

ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ئائىت ئومۇمىي پىروگرامما بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىستېمىلىق تەپەككۇرىنى نامايان قىلدى. بىز ئۆزلەشتۈرۈپ چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا سىستېمىلىق قاراپ، باغلىنىشلىق قاراپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلىشىمىز، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالماسلىقىمىز كېرەك.

«چوڭقۇر بولۇش − ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ھەم ماھىيىتىنى چۈشىنىش».

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلىش، يۈكسەك ئىخچاملاش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا جەزمەن ھەم نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش، ھەم نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، قانداق ئىشلەش كېرەكلىكىنى چۈشىنىش، ھەقىقىي تۈردە تولۇق چۈشىنىش كېرەك، تەھلىل قىلمايلا قارىسىغا قوبۇل قىلىپ، چالا - بۇلا بىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«دەل جايىدا بولۇش − سىياسەتنىڭ چەك - چېگراسى ۋە ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئىگىلەش».

بۇ تەلەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تەكىتلىگەن «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا، ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، جەزمەن خىزمەت ئەمەلىيىتىگە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەم كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋە يولى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىش، قىلالايدىغان ئىشنى تىرىشىپ قىلىش، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بۇ ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ ئۆزئارا باغلانغان ھەم قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم.

پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، ئاساس تۇتۇلسا، باشقا تەپسىلاتلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. بىلىش نەزەرىيەسى، مېتودولوگىيەنى ئىزاھلاش بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش −

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا زور يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، تىرەك بولۇش رولىغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە»لەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. 12 تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ئىچىدە، «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش» باش ئورۇندا تۇرىدۇ. تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئارقىسىدا گەۋدىلەندۈرۈلگىنى چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىش. بۇ قېتىمقى مۇھىم سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مۇھىم نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسى. خەلقئارا تەجرىبىلەر شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، كەسىپ سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىزچىل ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشىدىكى ئاچقۇچ دۆلىتىمىزنىڭ كۆلىمى چوڭ، سىستېمىسى تولۇق، رىقابەت كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلغانلىقىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەسىپ تۈرلىرىدىكى بارلىق سانائەت تۈرلىرىگە ئىگە دۆلەت بولغانلىقىدا.

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىدىكى تايانچ ئىلغار ياسىمىچىلىق. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىپ، چەكلەش، بېسىش كۈچەيدى، رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، قوغلاپ يېتىشىۋېلىش قەدىمى تېزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ، ئەمما كۈچلۈك ئەمەس، دەل چوڭ بولۇشتىن كۈچلۈك بولۇشقا ئۆزگىرىشتىكى مۇھىم ئۆتكەل مەزگىلىدە تۇرماقتا.

بۇ قېتىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك».

ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى كۆپ قېتىم ياسىمىچىلىقنى نەق مەيداندا تەكشۈردى: 1 - ئايدا لياۋنىڭ بېنگاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «كونا كارخانىلارنى ئوخشاشلا يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇشقا بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ 5 - ئايدا خېنەن لوجودا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھاياجان بىلەن: ئوقەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت «بۇ يولدا ماڭغىنىمىز توغرا بولدى» دېدى؛ 7 - ئايدا سەنشى ياڭفادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «بازار ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى...

بۇ قېتىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئاقىللىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش» «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەمەلىيەت يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش −

چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىچكى ئىمكانىيەتلىك ئايلىنىشتىن ئىبارەت. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش بىزنىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىشىمىز، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشىمىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

بۇ قېتىمقى مۇھىم سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى شارائىت ۋە ئەۋزەللىكنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: نوپۇس كۆپ، بازار چوڭ، كەسىپلەر تولۇق، تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك.

2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن6.1لىك ئېشىشنى ساقلىدى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى93.1كە يەتتى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بىز جەزمەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆسۈپ يېتىلىشچانلىقى ئارقىلىق خەلقئارا ئايلىنىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنى جەزمەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۇنيا بازىرى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندى. خەلقئارا مۇھىت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى بىز قۇچىقىمىزنى شۇنچە كەڭ ئېچىپ، ئىشىكنى شۇنچە كەڭ ئېچىۋېتىپ، خەلقئارا ئايلىنىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تۇتىشىش، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش −

دۆلىتىمىزدە ئەزەلدىن «خەلقنى بايلىققا ئىگە قىلىش» «خەلقنى بېيىتىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش» ئەنئەنىسى بار. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە تەكىتلەنگەن «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى پۇختا ئۆستۈرۈش كېرەك».

بۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا، بىر تەرەپتىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىقتىساد ۋە مالىيە كۈچىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشۇرۇش ئاساسىغا ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى دەل تېپىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەت، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى قاتارلىق بەزى ئاچقۇچلۇق ئامىللاردا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى خىزمەتنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، دەل ئېنىقسىز مۇھىتتا ئېنىقلىققا ئىگە ئىشلارنى ياخشى قىلىشتىن ئىبارەت.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، «ئومۇملۇقنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىرادىنى ساقلاپ، تاكتىكا جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلان تۈزۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك».

4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئىدىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلغاندىلا، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەش ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)