شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھازىرقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە خىرىس تەھلىل قىلىنىپ، 2026 - يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، مۇنبەت ئېتىز، سورتلۇق ئۇرۇق، ئىلغار ماشىنا، ياخشى ئۇسۇللارنى توپلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىدا مۇۋاپىق سەۋىيەنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ۋە مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇشى، يېزىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىشى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات، گۈزەل قىلىشى كېرەك.
يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكچىلىككە ۋە رېئال قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاشلىق، ياغ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئاشلىق سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆكتات كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان يېمەكلىك تەمىناتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، رايون ۋە تۈرگە ئايرىپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دائىملاشقان مېخانىزمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورنىتىپ، دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇش سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئىشلەش مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار - يۆلەك بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيە رايونىدا خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەردە ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش بوشلۇقى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل تۈزەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش، كەنتلەرنى ئەخلەت قاپلاپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلاردا ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى پۈتۈن ئۆلكىدە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.