شى جىنپىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بىر تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا پايدىلىق، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىگىلەشكە پايدىلىق، ئىشلارنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق. بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيىتى داۋامىدا، بىزنىڭ پارتىيەمىز مول تەجرىبىلەرنى ياراتتى ۋە توپلىدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇش، يىرىك پىلاننى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۇنى يېڭى ئەمەلىيەتكە ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئەۋزەللىكنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك بولۇش − ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەش، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالماسلىق دېگەنلىكتۇر. چوڭقۇر بولۇش − ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ھەم ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، ھەم نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش، ھەم نېمە ئۈچۈنلىكىنى، قانداق ئىشلەش كېرەكلىكىنى چۈشىنىش، ھەقىقىي تۈردە تولۇق چۈشىنىش دېگەنلىكتۇر. دەل جايىدا بولۇش − سىياسەتنىڭ چەك - چېگراسى ۋە ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىش، قىلالايدىغان ئىشنى تىرىشىپ قىلىش، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا ھەم تۈرلۈك ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىشىمىز، ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق ئامىللار، مەسىلەن، خەلقئارا ۋەزىيەت، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلاردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. ئومۇملۇقنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىرادىنى ساقلاپ، تاكتىكا جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلان تۈزۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھەلەر ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئاقىللىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەر ئۆزئارا جىپسىلاشقان، ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەيدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزدە نوپۇس كۆپ، بازار چوڭ، كەسىپلەر تولۇق، تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش شارائىتى بار. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنما، ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك، خەلقئارا ئايلىنىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق ئىلگىرىلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، جەزمەن ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى پۇختا ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ھەم مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك. يەرلىكنىڭ يىرىك پىلانى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنىڭ روھى ۋە تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شارائىت ۋە ئىشقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بېكىتكەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىشى، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشى كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ يول قويماي، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
لى چياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مەزمۇنى چوڭقۇر، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئاساسلىق نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەش ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.