جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 12 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-01-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 12 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:

لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى لائوس خەلقى ۋە لائوس سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى. لائوس پارتىيەسى 11 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى تۇڭلۇن باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقىرىپ، لائوستىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا بىر قاتار مۇھىم تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز بۇنىڭدىن چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق ھەم بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بېرىمىز.

لائوس پارتىيەسىنىڭ 12 - قۇرۇلتىيى لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. قۇرۇلتايدا پارتىيەنىڭ 3 - سىياسىي پىروگراممىسى قاتارلىق مۇھىم سىياسىي ھۆججەتلەر قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى لائوس پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىدۇ ۋە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ. لائوس خەلقىنىڭ لائوس پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

جۇڭگو بىلەن لائوس ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلدى ۋە ئىگىلىدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.