شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە ۋالائىس ئىشتاتىدا ئوت ئاپىتى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى پارمېلىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىۋېيتسارىيە ۋالائىس ئىشتاتىنىڭ كرانىس - مونتانا بازىرىدا بەختكە قارشى ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.