شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن گېزىتخانىدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئەمەلىيىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈش، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى پارتىيەگە مەنسۇپ بولۇش، ئارمىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، زامانىۋى ئاخبارات تارقىتىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، بازا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پائال توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان زامانىۋى ھەربىي ئىشلار تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەشۋىقاتنىڭ ئاساسىي يوللۇق، ئاممىۋى پىكىرنىڭ ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى سۆزلەپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شېڭمىن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ساداسىنى تارقىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ، 1956 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنغان. 2018 - يىلى 2 - ئايدا، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسى ئارمىيەدىكى باشقا ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى بىلەن بىرىكىپ ئازادلىق ئارمىيە ئاخبارات تارقىتىش مەركىزىنى تەشكىللەپ قۇرغان، ھازىر تەرەققىي قىلىپ گېزىت، ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور بېكىتى، كىتاب قاتارلىق ۋاسىتىلەر توپلانغان پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسىغا ئايلاندى، «جۇڭگو جۈنخاۋ» قاتارلىق 91 يېڭى تاراتقۇ تارقىتىش تېرمىنالىغا ئىگە بولۇپ، قاپلىغان ئابۇنىچى ئومۇمىي سانى 360 مىليونغا يەتتى.