شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى ھەم باھار بايرىمىلىق جاۋابەن تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ، بايراملىق تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 41 يىل ئىلگىرى مەن ئىئوۋا ئىشتاتىدا زىيارەتتە بولغاندا، سىلەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىڭلارغا ئېرىشكەن ئىدىم، ئاشۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر ھېلىھەم ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. مەيلى ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان دوستلۇقى ئۆزگەرمەيدۇ. سىلەرنىڭ ئىككى دۆلەت خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئامېرىكىلىق تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىرى، تىنچلىق، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستلاردىن ۋېرون رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستلارغا ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە پىروفېسسور پېڭ لىيۈەنگە باھار بايرىمىلىق تىلەكلەرنى بىلدۈردى، ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ھەم داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋېرون، راندىي، دۋورچاك، كىمبېرلى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچى برانستاد، دۇنيا ئاشلىق مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى كۇيئېن، شۇنداقلا بۇ ئىشتاتتىن «بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار يەنە رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىگە باھار بايرىمىلىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ، تىرىشىپ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.