شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈسۈفكە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، 39 - نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆرۈنەرلىك زورايماقتا. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئافرىقىنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى سىجىل ئاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالاشقا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ ھەم «يېشىل يول»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلىرى ئىجازىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىدىكى يېڭى تەدبىرى بولۇپ، جەزمەن ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلىشىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى باشلىغان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تارىخىي دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايدۇ.