□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
مەشتىكى ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى، بەنشىرنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى. يېڭى بىر يىل كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىڭۋۇ ئات يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
«چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس سالاپىتى بولىدۇ، شۇنداقلا چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلار تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئىشى.» يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەربىر ئاددىي ئائىلىگە كىرىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتقان جۈپ قوللارنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يول يۈرۈشكە دائىر ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى پۇقرالارنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.
خەلق تۇرمۇشى ئىللىق غەمخورلۇققا تولدى، خۇاشيا چىن ھېسسىياتقا چۆمدى. «ئائىلە»نىڭ جەم بولۇشى «دۆلەت»نىڭ تىنچ - خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلدى، ئەسلىي مەقسەت ساپ بولدى، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنى، تاغ - دەريالىرى يېڭى تۈسكە كىردى.
«سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن»
بېيجىڭ شىنجيېكوۋدىكى «ۋۇلاۋ . شىنجيې»، يىنلىڭ ياشانغانلار ياتاق بىناسى 110دىن ئارتۇق ياشانغان كىشىنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ئىدى.
2026 - يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشانغانلار ياتاق بىناسىغا كىرىپ، ئاسراش رايونىدا تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونىدا ياشانغانلارنىڭ ئادەتتە قانداق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بارلىقىنى كۆردى، بىر جۈپ ياشانغان ئەر - خوتۇننىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ تۇرالغۇ مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى...
80 ياشتىن ئاشقان بىر ياشانغان كىشى ئەمدىلا يېزىپ بولغان «家» خېتىنى قولىغا ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى: «بۇ جاي بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىز، ھازىر كۈنلىرىمىز خۇشال - خۇرام ئۆتۈۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. بىز گۈللەنگەن دەۋردە ياشاۋاتىمىز، پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەنگە رەھمەت ئېيتىمىز. ياشانغانلارمۇ قالتىس ياشىشى، جۇڭگولۇقلار روھىنى ئۇرغۇتۇپ ياشىشى كېرەك».
«توغرا ئېيتتىڭىز! مانا بۇ بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ دۆلەت مۇھەببىتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى: «ياشىنىپ قالغان بولساڭلارمۇ ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادىنى ساقلاپ رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇڭلار، تېنىڭلار سالامەت، ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسۇن، باھار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن».
قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى لياۋنىڭ سۈيجۇڭ ناھىيەسىنىڭ «جۇجيا يېڭى كەنتى»دىكى قاتار - قاتار كەتكەن ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىغا ئىللىق ھارارىتىنى چېچىپ تۇراتتى. بۇ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ ئىككىنچى قىش پەسلى ئىدى. ياڭگىر ئۇسسۇلى ئەترىتى شاد - خۇراملىق ئىچىدە «جۇجياگوۋ پۇقرالىرىنىڭ ياخشى كەيپىياتى» ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىدى. 2024 - يىلى 8 - ئايدا، سۈيجۇڭ ناھىيەسىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېرىم ئۆمرىدە يىغقان بىساتى لاي - لاتقىغا كۆمۈلۈپ قالدى. ئويلىمىغان يەردىن 40 كۈندىن كېيىنلا «جۇجيا يېڭى كەنتى» مۆجىزىلەرچە قەد كۆتۈردى.
2025 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇجيا يېڭى كەنتى»گە چوڭقۇر چۆكۈپ، جۇ شىسۈن، ۋاڭ باۋۋېي ئىككى ئائىلىنى ئارقا - ئارقىدىن زىيارەت قىلدى. چۇنليەن جۇلالىنىپ، دېرىزە قېيىق گۈللىرى خۇشاللىق بېغىشلىغان بولۇپ، چوڭ قازاندىكى قورۇمىلارنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. باش شۇجى مېھمانخانىدا كۆپچىلىك بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەن چاغدىكى سۈرەتلەرنى قولىغا ئېلىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، ئۆينىڭ قايتا سېلىنغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، كىرىم ئەھۋالىنى سورىدى.
«سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلار بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزەيلى.» باش شۇجىنىڭ سۆزى بەخت تىلىكى، شۇنداقلا ۋەدە ئىدى.
تاغلار ھەيۋەت، جىلغىلار چوڭقۇر بولۇپ، سېرىق توپا ئۇچۇپ تۇراتتى، ئەگرى - توقاي يوللارنى ئايلىنىپ، قەدىمدىن تارتىپ «جۇڭگودىكى ئەڭ قاقاس، نامرات جاي» بولغان گەنسۇنىڭ دىڭشى كەنتىگە كەلدى؛ قار - شىۋىرغانغا قارىماي، تاغ - دەريالاردىن ئېشىپ، نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ئىچكى موڭغۇلدىكى ئارشەن ئورمانچىلىق رايونىغا چوڭقۇر چۆكتى؛ قاتمۇقات تاغ تىزمىلىرىدىن ھالقىپ، سىچۇەندىكى دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى تاغ قىرىغا جايلاشقان يىزۇ كەنتىگە چىقتى... يېڭى دەۋردىن بۇيان، ھەر قېتىملىق كاتتا باھار بايرىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي، قار - شىۋىرغانغا قارىماي يول يۈرۈپ، ھەممە ئائىلىلەر جەم بولغاندا، ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى.
قەدىمىي پايتەختتىكى كۆك خىشلىق كىچىك ھويلىلاردىن شىمالىي شەنشىدىكى سېرىق توپىلىق گەمىلەرگىچە، سەيبېيدىكى كىگىز ئۆيلەردىن غەربىي جەنۇبتىكى مىللەتلەر ھويلا - ئارانلىرىغىچە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، خەلق رايىنى ھەر تەرەپلىمە ئىگىلىدى، خەلق تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى.
«ۋاقىتلىق ئائىلە»گە كىردى: 2013 - يىلى، بېيجىڭ مېترو 8 - لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئېغىز «ئەر - خوتۇنلار» ئۆيىگە كىرىپ، پولات چىۋىق ئىشچىسى فەن يۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، سەمىمىي ھالدا مۇنداق تاپىلىدى: «بېيجىڭغا كېلىشىڭلار ئاسان ئەمەس، بېيجىڭدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ياخشى جەم بولۇڭلار»؛
«ئالاھىدە ئائىلە»دىكىلەرنى يوقلىدى: «<ئانا> ياخشىمۇسىز، سىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەي.» 2014 - يىلى، ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مېھرىبان ئانا» جىڭ فېڭيىڭ بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: بالىلارغا «سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك»؛
«قايتا قۇرۇلغان ئائىلە»لەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى: 2018 - يىلى، ۋېنچۇەندە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىگە ئون يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيەسى يىڭشيۇ بازىرىغا كېلىپ، سېرىق ماي چېيى تەييارلاش، دۇفۇ قېتىقى ئۇيۇتۇش، ياغدا چۈرۈك گۆش پىشۇرۇشتەك قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى؛
…
«ھەر مىللەت ئاممىنى، ھەممە ئائىلىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىدىن ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمگەكچىلەر زور ئىلھاملاندى، قىيىنچىلىقى بار ئامما چەكسىز ئىللىقلىققا چۆمدى، ئالاھىدە كىشىلەر توپى چوڭقۇر غەمخورلۇقنى ھېس قىلدى... ھەممە ئائىلە باھاردىكى خۇشاللىق ۋە ئىناقلىققا چۆمدى.
2016 - يىلى 4 - ئايدا، باھار شامىلى تاغ - دەريالارنى سىيپاپ ئۆتكەندە، ئەنخۇي جىنجەي ناھىيەسى داۋەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ نېڭباۋ ئۆزىنىڭ كېسەكتىن سېلىنغان كونا ئۆيىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.
«لاۋ ۋاڭ ياخشىمۇسىز، سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم» دېدى باش شۇجى.
«سىزنىڭ ئۆيىمىزگە كېلىشىڭىزنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بىزگە نۇرغۇن بەخت ئېلىپ كەلدى!» دېدى ۋاڭ نېڭباۋ تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا.
توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، كونا ئۆي بىلەن بىر يول ئايرىپ تۇرىدىغان يېڭى ئۆيدە تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت بىلەن تەڭ ياشتىكى ۋاڭ نېڭباۋ كۆپچىلىككە باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگەن چاغدىكى مەنزىرىنى سۆزلەپ بەردى: «باش شۇجى تاش پەلەمپەينى بويلاپ چىقىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە قول ئىشارىسى قىلىپ بىز بىلەن سالاملاشتى، بىزگە ناھايىتى يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلىدى».
2019 - يىلى 2 - ئايدا، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بېيجىڭ ساۋچاڭدىكى سىتياۋ خۇتۇڭ كوچىسىدا بايرام كەيپىياتى قويۇق ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئائىلىگە كىردى، قىزىل سىرلانغان دەرۋازا ئېچىلغاندا، ھويلا قولۇم - قوشنىلار بىلەن لىق تولغانىدى.
«سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!» باش شۇجى قولىنى جۈپلەپ ئەھۋال سورىدى، ئىللىق كەيپىيات ئۇرغۇدى.
«يۇرتداشلار ياخشىمۇسىلەر» «بۈگۈن مەن ئۆيۈڭلەرگە مېھمان بولۇپ كەلدىم»... ئىللىق، سەمىمىي سۆزلەر شۇھامان قەلبلەرنى يېقىنلاشتۇردى.
فۇجيەننىڭ فۇجوۋ شەھىرى جۈنمېن مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى چيۇ پېيلىننىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە، ئىشىكتىن كىرىپلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مېھرىبانلىق بىلەن: «ئىسمىڭىز نېمە؟» دەپ سورىدى.
بېيجىڭ چيەنمېندىكى ئاھالە خې لىخۇا شۇنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدۇ، «باش شۇجى مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكچى بولغاندا، مەن بەنشىر تۈگۈۋاتاتتىم، قولۇم پۈتۈنلەي ئۇن يۇقى ئىدى. باش شۇجى <ھېچقىسى يوق> دېدى، شۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق».
گەپ - سۆزلىرىدىن غەمخورلۇق ئۇرغۇپ تۇراتتى؛ ھەربىر ھەرىكىتىگە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەنىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقرالارنى تۇغقىنىدەك كۆرىدۇ. پۇقرالارنىڭ قەلبىدە باش شۇجى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى.
شۇ يىلى، «سېرىق تۇپراقنىڭ ئوغلى» لياڭجياخېغا قايتىپ كەلگەندە، خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن يۇرتداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى يىلى قايما توسمىسى ياسىغان جايغا يۈگۈرگىنىچە كېلىپ كۈتۈۋالدى. «260تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى باش شۇجىنىڭ يېنىغا قىستىلىشىپ كېلىپ پاراڭلاشتى، بۇ مەنزىرە كىشىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى شى چۇنياڭ.
ئاشۇ يىلى، خۇنەن شياڭشىنىڭ شىبادۇڭ كەنتىدىكى مياۋزۇ چوڭ ئانا شى باسەننىڭ ئائىلىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ موماينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «سىز ھەدە يوللۇق ئىكەنسىز» «مەن خەلقنىڭ خىزمەتكارى.» شۇ كۈندىن باشلاپ، موماي «باش شۇجى بىز پۇقرالارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى» دېگەن سۆزنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلدى.
...
قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ئىنچىكە تەپسىلاتلار، چىن ھېسسىيات بىلەن سەمىمىي ھەمتۈرتكە بولۇش، خەلق داھىيسى بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببەت كۈندىلىك تۇرمۇش داۋامىدا بارغانسېرى قويۇقلىشىپ ئۇزاققىچە داۋاملاشماقتا.
«ئائىلە ئىشلىرى، دۆلەت ئىشلىرى، جاھاننىڭ ئىشلىرىدا خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش»
گەنسۇنىڭ گۇلاڭ ناھىيەسىدىكى ئىلگىرى قۇم - بوران كۆپ چىقىدىغان خۇاڭخۇاتەندە بۈگۈنكى كۈندە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالىلەر يېڭى كەنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.
فۇمىن يېڭى كەنتىنىڭ ئاھالىسى لى يىڭچۇەننىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە، ئېگىز، ئىچكىرىدىكى تاغلىق رايوندىن كۆچۈپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، 2019 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتىنى ئارىلاپ، ھويلىنى، ئۆينى كۆردى، ئاشخانىدىكى سۇ جۈمىكىنى ئېچىپ سۇ سۈپىتىنى تەكشۈردى، تازىلىق ئۆيىدىكى سۇ چۈشۈرۈش كەيگۇەنىنى بېسىپ، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى...
كۆچۈشتىن بۇرۇنقى كونا سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، باش شۇجى كۆيۈنگەن ھالدا: «كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇرغىنىڭلاردىن رازى بولدۇڭلارمۇ؟ يەنە قانداق تەلەپلىرىڭلار بار؟» دەپ سورىدى.
«پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ ئىشلارنى باش شۇجى ناھايىتى تەپسىلىي كۆردى، ناھايىتى ئىنچىكە سورىدى» دېدى لى يىڭچۇەن.
«ئۆينىڭ سۈپىتى ياخشىمۇ؟» شەندۇڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ساھىل رايونىدىكى كۆچۈرۈلگەن ئامما شۈ جيەنفېڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ ياتاق، ئىككى زاللىق ئۆينى تولۇق كۆرۈپ چىقتى.
نىڭشيادىكى ياڭلىڭ كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، خۇيزۇ ئامما ما كېنىڭ ئۆيىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرپىنى قايرىپ كاڭنىڭ ياخشى سېلىنغان - سېلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ باقتى، ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە ماي كىگىز يېيىتىلغان - يېيىتىلمىغانلىقىنى، يامغۇر ئۆتىدىغان - ئۆتمەيدىغانلىقىنى سورىدى.
2019 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ خىل قاتناش قورالىغا ئالمىشىپ ئولتۇرۇپ، چۇڭچىڭنىڭ شىجۇ ناھىيەسى خۇاشى كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ما پېيچىڭنىڭ ئۆيىگە كىردى.
ما پېيچىڭ باش شۇجىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئاشلىق ئامبىرىنى كۆرسەتكىنىچە مۇنداق دېدى: «بۇلار مېنىڭ كىچىك ئوغلۇم تېرىغان ئاشلىقلار».
«ھەقىقەتەن كۆپكەن، ئامبار تولدىمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.
«تولدى.» ئائىلىسىدىكىلەر سۆزلىگەچ تۆمۈر چۆمۈچكە ئاشلىقنى ئالدى، باش شۇجى قولىغا بىر سىقىم ئاشلىق ئېلىپ دەڭسەپ كۆردى.
ئاشخانىغا كىرىپ، لىمغا ئېسىلغان سۈرلەنگەن گۆش ۋە شياڭچاڭنى كۆرۈپ، باش شۇجى مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «گۈرۈچمۇ، گۆشمۇ بار ئىكەن، بۇ ياخشى بوپتۇ».
شۇ كۈنى، ھويلىنىڭ ئىچى كۈلكە سادالىرىغا تولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «مەن بايىلا كۆرگەن ئىككى ئائىلىنىڭ ئىككى - ئۈچتىن ئاشلىق بادىڭى بار ئىكەن، ئۆيدە ئاشلىق بولسا كۆڭۈل توق بولىدۇ.» بۇ ئاشلىق بادىڭىغا قاچىلانغىنىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئالدىنقى يىلى ھوسۇل ئېلىنغان ئاشلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا پاسىل رايونىدا زاماننىڭ ياخشىلىقى <ئۈچ يىل ئاشلىق تېرىسا، بىر يىل يېگۈدەك ئېشىنچا ئاشلىق توپلىغىلى بولىدۇ> دەپ سۈپەتلىنەتتى. ھازىر سىلەر <بىر يىل ئاشلىق تېرىپ ئۈچ يىل يېگۈدەك ئېشىنچا ئاشلىق توپلايدىكەنسىلەر>، بىر يىلدا تېرىغان ئاشلىقىڭلارنى ئۈچ - تۆت يىل يېيەلەيدىكەنسىلەر».
نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىدە ياڭيۇغا ئېغىز تەگدى، نوگايدا سۇ ئىچتى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىدە چوڭ ئىدىشنىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ، ئاشلىقنىڭ يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىنى كۆردى؛ تۆت ئەۋلاد بىللە تۇرىدىغان ئائىلىگە كىرىپ، توڭلاتقۇنى ئېچىپ، قايسى خىل گۆش ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى كۆردى... پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، تۆت پەسىلدىكى ئۈچ ۋاق تامىقىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.
كاڭدا، چوغدان يېنىدا، چېدىرلاردا، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن چۆرىدىشىپ يېقىن ئولتۇرۇپ سەمىمىي پاراڭلاشتى، «سىلەرنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغۇم بار، بىز مۇڭدىشايلى».
زىرائەت ھوسۇلى، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقى، كېلەر يىللىق پىلان توغرىسىدا پاراڭلاشتى.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭيۇ ئەسلىي سورتىنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى كادىرلاردىن بۇ كەسىپنى زورايتىشتىن ئۈمىد بارمۇ دەپ سورىدى ھەم بازارلاشتۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى؛ چارۋىچىلارنىڭ توك ئىشلىتىش، يول يۈرۈشىدە يەنە بەزى قىيىنچىلىقلار بارلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىن پىلان تۈزۈپ، تىرىشىپ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ بىر ئاممىنىڭ ئائىلىسىدە ئېغىر ئاغرىق بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شۇ جايدىكى كادىرلارغا كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى تاپىلىدى...
پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ھال - ئەھۋالى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە زور سالماقنى ئىگىلەپ كەلدى.
ئۇ، 2000 - يىلىنىڭ بىر تومۇز كۈنلىرىدىكى چىڭقى چۈش ۋاقتى بولۇپ، پىژغىرىم ئىسسىق بولۇۋاتاتتى. شۇ چاغدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يولداش شى جىنپىڭ فۇجوۋ شەھىرىنىڭ ساڭشيا مەھەللىسىدىكى كەپىلىك ئۆي رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
ئەينى چاغدا، تاڭ چىڭۋاڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان سەككىز كىۋادرات مېتىرلىق ياغاچ ئۆيدە ئولتۇراتتى. يولداش شى جىنپىڭ لاۋ تاڭنىڭ ئۆيىدە يېرىم سائەت پاراڭلىشىپ، ئىسسىقتا چىلىق - چىلىق تەرلەپ كەتتى. ئۆيدىن چىققاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى كادىرلارغا مۇنداق سوئال قويدى: «نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئىسسىق كۈندە، چىڭقى چۈشتە كەپىلىك ئۆي رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقىمىزنى بىلدىڭلارمۇ؟ بۇنىڭدىكى مەقسەت كۆپچىلىككە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇپ، كەپىلىك ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش».
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مۇنداق ئاڭ تۇرغۇزۇشىنى تاپىلىدى: «پەقەت بىر ئائىلە ھەتتا بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، بىز خاتىرجەم بولالمايمىز؛ پەقەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخى رېئاللىققا ئايلانمىسا، بىز قىلچە بوشىشىپ قالماي، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا خەلقنى خاتىرجەم قىلىش ئەڭ مۇھىم؛ خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتىكى مۇھىم يول خەلقنىڭ ھالىغا يېتىش.
«ئائىلەڭلەردە يەنە قانداق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلار بار» «سىلەر يەنە قايسى ئىشلاردا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يار - يۆلەك بولۇشىغا ئېھتىياجلىق؟»... مۇشۇ يىللاردا، ھەر قېتىم ئائىلىلەرگە كىرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە پۇقرالاردىن يەنە قانداق ئۈمىدى ۋە ئېھتىياجى بارلىقىنى سورىدى، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلايلى، دەپ كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇردى.
سەمىمىي ئۈمىد «ئائىلە ئىشى ھەم دۆلەت ئىشى» دېگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئىزاھلىدى، كوممۇنىستلارنىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى مۇجەسسەملىدى.
«ھەربىر <كىچىك ئائىلە> قاينام - تاشقىنلىققا چۆمسە، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ <چوڭ ئائىلە> كۈنسېرى يۈكسىلىدۇ»
باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، گۇاڭشى گۇيلىندىكى ماۋجۇشەن كەنتىدە، ھەممە ئائىلە باھار بايرىمى تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولدى. كەنت ئاھالىسى ۋاڭ دېلى ئۆتكەن بىر يىللىق تىجارەت كىرىمىنى ھېسابلاپ، يېڭى بىر يىلدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش پىلانى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە ئويلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستىن چىقارمىدى.
2021 - يىلى ئەتىيازدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ۋاڭ دېلىنىڭ ئۆيىگە كىردى.
«باش شۇجى، سىز ئادەتتە شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ يەنە بىزنى يوقلاپ كەپسىز، سىزگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز».
«مەن مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراش، <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى> خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدۇر».
قەلبىگە پۈككەن ئىشلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئاخىرىدا مىليونلىغان ئائىلىنىڭ بەختلىك، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ، 100 مىليونلىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
خېبېي فۇپىڭ يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بۇرغىسى چېلىنغان جاي.
توشقانگۈللەر چوغدەك قىزاردى، كاكتۇس سېرىق رەڭلىك شارسىمان چېچەكلىدى، شيېجۇالەن ھال رەڭدە غۇنچىلىدى... فۇپىڭنىڭ لوتوۋەن كەنتىدە، تۆر ئۆيىدە گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ، تاڭ زۇڭشيۇنىڭ خىيالى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى چاغقا قايتتى.
2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەتىگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قېلىن قار كېچىپ، پاتقاق يولدا مېڭىپ تاڭ زۇڭشيۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. «ئىشەنچ بولسىلا، سېرىق توپىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.» بۇ بىر جۈملە سۆز تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىچىك تاغلىق كەنتنى ئويغاتتى.
«ھازىر يېمەك - ئىچمەكتىن، كىيىم - كېچەكتىن، كېسەل كۆرسىتىشتىن غەم قىلمايمىز، ياش ۋاقتىمدىلا گۈل بېقىشقا ھېرىسمەن ئىدىم، ياشانغىنىمدا بۇ قىزىقىشىمغا تايىنىپ پۇل تېپىپ تۇرمۇشۇمنى قامداۋاتىمەن.» تاڭ زۇڭشيۇ ھەمىشە ئائىلىسىدىكىلەرگە بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى تاپىلاپ تۇرىدۇ.
گۈللەر ئېچىلغان جايدا بارلىق شەيئىلەر جانلىنىدۇ. «ياشلاردىن قايتىپ كېلىدىغانلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، قېپقېلىپ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈۋاتىدۇ.» ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي سۆزلىگىنىدە، تاڭ زۇڭشيۇنىڭ قەلبى شادلىققا چۆمدى. كەنت خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا، گۈل - گىياھ پارنىكى، 100 مولۇق گۈل دېڭىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، تاغنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشقىچە، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر تاغلىق يېزىدىكى ئىللىق ئۆزگىرىشلەردە ئەكس ئەتتى.
تاغلار يېشىللىققا پۈركەندى، زۇمرەتتەك سۇلار شىلدىرلاپ ئاقتى... جېجياڭ جوۋشەندىكى شىنجيەن كەنتىدە، يۈەن چىجۇڭنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى ھويلىسى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى.
2015 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھويلىغا كىرىپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، بۇ ئۆي نېمىدېگەن پاكىز - ھە».
شۇ جاينىڭ يېشىل ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ياخشى بوپتۇ، بۇ جايدا تۇرسا ھەقىقەتەن كەتكۈسى كەلمەي قالىدىكەن. مەن جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> دېگەنىدىم، بۇ سەمىمىي سۆزۈم، ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشى بۇ كۆزقاراشنى چۈشەندى، مانا بۇ ئىلمىي تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، بىز شۇ بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك».
«يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك! باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بىزنىڭ گۈزەل ھويلا - ئارانلىرىمىز گۈزەل ئىقتىسادنى بارلىققا كەلتۈردى، قولۇم - قوشنىلارمۇ ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچتى، قەھۋە ساتتى. شىنجيەن كەنتى ئارال مەدەنىيىتىنى قېزىپ، نەندۇڭ يىگۇ مەنزىرە رايونى ۋە <ساپ، كاربونسىز> يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، يېشىللىققا پۈركەنگەن مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.» ھويلىدا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ مەنزىرە تاماشا قىلىۋاتقان يۈەن چىجۇڭنىڭ چېھرىدە بەخت تۇيغۇسى جىلۋىلەندى.
يەنبيەندە قار ياغقان بولۇپ، باراقسان دەرەخ شاخلىرى ئاق لىباسقا ئورالغانىدى. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ خېلۇڭ شەھىرى گۇاڭدۇڭ كەنتىدىكى سۇڭ مىڭيۈ ئائىلىسىدىكى ئوت قالانغان كاڭ ئىسسىق ئىدى، چاۋشيەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۆمۈر قازىنىدا قورۇلغان قورۇمىلارنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى.
2015 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۇڭ مىڭيۈنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە ئايىغىنى سېلىپ ئۆيگە كىرىپ، باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن مۇڭداشتى. بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەنە ئەنئەنىۋى ھاجەتخانا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجى ھاجەتخانا ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، يېزا ئاممىسىنى پاكىز ھاجەتخانا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ھەرقانداق بىر ئاز سانلىق مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.» بۇ سەمىمىي سۆزلەر يۇرتداشلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.
بۈگۈنكى كۈندىكى گۇاڭدۇڭ كەنتىدە، سۇسىز ھاجەتخانا سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانىغا ئۆزگەردى، كەنت ئاھالىلىرى پايچىكلارغا ئايلاندى، بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىلار يىراقتىن قارىغاندا «合» خېتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى.
«چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكىدە مېۋىلىك دەرەخلەر قاتار ئۆسكەن، خەيلەنجياڭ دەرياسى بويىدا شالنىڭ خۇش پۇرىقى تارالغانىدى...» كەنتتىكى چوڭ كانايدا «قىزىل قۇياش چېگرا رايوننى يورۇتتى» دېگەن مېلودىيە ياڭراپ تۇراتتى، بۇ، سۇڭ مىڭيۈنىڭ ئەسلىمىسىنى ئۇرغۇتتى: «باش شۇجى كەلگەندە مۇنداق دېگەنىدى: نەچچە ئون يىل ئىلگىرى مەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندا، كەنتتىكى رادىيودا ھەر كۈنى مۇشۇ ناخشا قويۇلاتتى، بۇ ناخشا ماڭا ئىنتايىن تونۇش. بۈگۈن خەيلەنجياڭ دەرياسى بويىغا كەلدۇق، ناخشىدا ئېيتىلغىنى دەل مۇشۇ جاي.»
ئۇزاق مەزگىللىك ياد ئېتىشكە «جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك» دېگەن چوڭقۇر ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەنىدى.
ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى، يۈننەن تېڭچۇڭدىكى سىمولا ۋازۇ كەنتىدە قىزىل پانۇسلار ئېگىز ئېسىلغان، چۇنليەنلەرنىڭ سىياھ ھىدى تارالغان، بەخت خېتى ئىشىك بېشىدا نۇر چېچىپ تۇرغان بولۇپ، ھەممە جاي بايرام شادلىقىغا چۆمگەنىدى.
ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىسى لى فاشۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بەخت ۋە خۇشاللىق بار» دېگەن ئاشۇ بىر جۈملە سۆزىنى ھەمىشە ئېسىگە ئالىدۇ.
2020 - يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولدى. لى فاشۈن باش شۇجىنى بىرلىكتە گۈرۈچ قوتۇرمىچى ياساشقا تەكلىپ قىلدى. باش شۇجى ئۇدا ئىككىنى ياسىدى، كۈلۈپ تۇرۇپ: «بەخت دېگەن خەتنى باستۇق، يەنە بىر خۇشاللىق دېگەن خەتنى باستۇق، بەخت ھەم خۇشاللىق بار» دېدى.
بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «سىلەرنىڭ كىچىك ئائىلەڭلەر دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان» دەپ بىلدۈرۈپ، بالىلارنى «ئىرادىلىك ئادەم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ» دەپ ئىلھاملاندۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، لى فاشۈننىڭ قىزى ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەمۇرغا ئايلاندى، ئوغلىمۇ ھەربىيلىككە قاتنىشىش ئارزۇسىغا يەتتى.
«ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، ئاندىن دۆلەت ياخشى بولىدۇ، مىللەت ياخشى بولىدۇ.» سەمىمىي تىلەك تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، كەنت - كەنتلەرنى، چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىلارنى، تاغ - دەريا، كەڭ تۇپراقنى يورۇتۇپ، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ دۆلەت تىنچ - ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان، گۈللەپ ياشنىغان جانلىق مەنزىرىسىگە ئايلاندى.
ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەت يۈز مىليونلىغان ئائىلىدىن تەركىب تاپىدۇ.
«ھەممە ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى، چوڭ - كىچىك ھەممەيلەننىڭ خۇشال - خۇرام ياشىشى دەل جاھاندىكى گۈزەل مەنزىرە.» «ھەربىر <كىچىك ئائىلە> قاينام - تاشقىنلىققا چۆمسە، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ <چوڭ ئائىلە> كۈنسېرى يۈكسىلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ئۈمىدىگە بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەنىدى.
ئائىلە بىلەن دۆلەت ئورتاق ئارزۇدا بولۇپ، يېڭى مۇساپىگە بىرلىكتە ئاتلاندى. «15 - بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلدى، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان قەدەم ئىزلىرى، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئىچىدە پۈتۈلىدۇ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن داۋاملىق باتۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان باھار مەنزىرىسى ئىچىدە پۈتۈلىدۇ.
(مۇخبىرلار خۇاڭ يۆ، جاڭ يەن، دۇڭ بوتىڭ، ۋاڭ مىڭيۈ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)