شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ جىن جېڭئېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 8 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى جىن جېڭئېن باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى چاۋشيەن خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يولداش جىن جېڭئېننىڭ يەنە بىر قېتىم چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقى چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ يولداش باش شۇجىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويغاندا غەلىبىلىك ئېچىلدى، بۇ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى پۇرسەت بىلىپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت. جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يۈكسىلىشى، تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدۇق. يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە جايلارنىڭ بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھپىسىنى پۈتۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.