ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك

2026-02-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئۇل تەتقىقاتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «تۆتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلىم - پەن فوندى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىقتىسادىي ياردەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا مەدەت بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى 1986 - يىلى 2 - ئايدا قۇرۇلغان، 40 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۇل تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى.