شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ، پۇساندا مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتۇق. مەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. يېڭى بىر يىلدا، مەن سىز بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ، مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى خالايمەن. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئامېرىكا تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى بار. جۇڭگو تەرەپ گېپىدە تۇرىدۇ، دېگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ، دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئىككى تەرەپ باراۋەر بولۇش، ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىسىلا، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن مۇھىم قارالمىلىرى بار، جۇڭگو «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالىدۇ، ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىككى دۆلەت ئايرىم - ئايرىم ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى تەرەپ بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك، ياخشى ئىش كىچىك بولسىمۇ قىلىشى، يامان ئىش كىچىك بولسىمۇ قىلماسلىقى كېرەك، ئىشنى بىر - بىرلەپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزئارا ئىشىنىشنى جۇغلاپ، توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىپ چىقىپ، 2026 - يىلىنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، تىنچ بىللە ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان بىر يىلغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. تەيۋەن جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو تەرەپ جەزمەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ، تەيۋەننىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەنگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش مەسىلىسىنى جەزمەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككىلىسى ئۇلۇغ دۆلەتلەر، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى. مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇلۇغ مۇناسىۋىتىم بار، مەن رەئىس شى جىنپىڭنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيمەن. مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىقتىساد - سودا قاتارلىق ساھەلەردە ياخشى ھەمتۈرتكە بولدى. مەن جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى كۆرۈشنى خالايمەن، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ھەم مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشنى خالايمەن.