«كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى كۆڭۈللۈك، خۇشال - خۇرام ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»

2026-02-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى

باش باھار ئەمدىلا ئۆتۈپ، ھەممە يېڭى تۈسكە كىرىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئات يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئىرادىلىكلەر جەزمەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىشتىن بۇرۇن پىلان تۈزىدۇ. «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدىكى بۇ باھار بايرىمىدا شاد - خۇراملىق ۋە ئىناقلىقلىققا تولغان كەيپىياتقا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، توختىماي كۈرەش قىلىدىغان بىر ئۈلۈش جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتقانلىقىنى كۆردى؛ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كوچا رايونىدا، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرىگە كۆڭۈل بۆلدى؛ قەدىمىي ئۇسلۇب ۋە يېڭى مودىغا تولغان باھار بايرىمىلىق بازارلاردا، بايراملىق بازار تەمىناتى ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى! مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئات يىلىدا توختىماي كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىغا، تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، ھەر يىلىنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىغا، گۈللەپ ياشنىشىغا، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىنىڭ كەلگۈسى

بېيجىڭ يىجۇاڭدا، تۇڭمىڭخۇ كۆلى بويىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى ئىلگىرىكى شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى دالىدا قەد كۆتۈردى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 600 مو كېلىدىغان دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىدا، تۆۋەن قاتلام قاتتىق ماتېرىيالىدىن يۇقىرى قاتلامدا قوللىنىشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىنىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى نامايان قىلىندى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس - بەستە بارلىققا كەلدى، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ مودېللىرى ئۆزئارا بەسلەشتى»، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، يەنە تۇرمۇشنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇردى».

2018 - يىلى 10 - ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە يۈزلىنىشى»نى چۆرىدەپ كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشتىن، بۇلتۇر 4 - ئايدىكى شاڭخەي خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى موسۇ بوشلۇقىغىچە، يەنە بۇ قېتىمقى بېيجىڭ تۇڭمىڭخۇ كۆلى بويىدىكى دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغىچە، باش شۇجى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

بۇ يىللاردا، بېيجىڭنىڭ ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنى ئۆتكۈزدى، 2025 - يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى.

ھەممىباب تەنلىك ماشىنا ئادەم كۆرگەزمە رايونىدا، ئادەمنىڭ80 چىراي ئىپادىسىنى تەقلىد قىلالايدىغان تەقلىدىي ماشىنا ئادەم جانلىق ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى؛ ئوخشاش بولمىغان كۆرۈنۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەمنىڭ بوغۇم مودېلى گۇرۇپپىسى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس ئىدى؛ ئەركىن ھەرىكەتلىنىدىغان 38 چېۋەر قولى بار بولۇپ، بىمالال يىغىپ ئاچالايتتى... نەق مەيداندا ماشىنا ئادەمنىڭ يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈشى كۆرسىتىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ كۆزەتتى: مېخانىك بىلەك يىپنى تەمكىنلىك بىلەن دەل جايىدا، قىلچە خاتاسىز ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.

1 - قەۋەتتىكى چوڭ زالدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 70 ياشتىن ئاشقان ئالىملارمۇ، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بار ئىدى.

كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن نەزەرىگە قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئورۇن بېكىتمىسىنى مەن مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئەستايىدىل ئويلاندىم. بېيجىڭدىكى <تۆت مەركەز> ئىچىدىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، بېيجىڭنىڭ بايلىق شارائىتىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن».

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا. دۆلىتىمىزنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك ئامىللارنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك».

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، بېيجىڭ (بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي)، شاڭخەي (چاڭجياڭ دېلتىسى)، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بېيجىڭدىن بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيغىچە، شاڭخەيدىن چاڭجياڭ دېلتىسىغىچە، دائىرىنى كېڭەيتىشنىڭ ئارقىسىدا «دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئاساسلىق مەنبە رايونىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش»تىن ئىبارەت چوڭقۇر ئويلىنىش بار.

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم بۇ تېما ئۈستىدە توختىلىپ، بېيجىڭنىڭ «بېيجىڭ (بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي) خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، تيەنجىن، خېبېي بىلەن بولغان ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى ۋە ئەلالاشتۇرۇلۇپ سەپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبە رايونى ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش»نى ئۈمىد قىلدى.

رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىي خورىدا، ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا بىر رىتىمدا ئېيتقاندىلا، كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان مېلودىيەنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ جانلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئىچىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، قىزىل گۈل يېشىل يوپۇرماققا تايىنىدۇ، بىر قاشاغا ئۈچ قوزۇق كېرەك، بىر ئەزىمەتكە ئۈچ ياردەمچى كېرەك، باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق بولۇپ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ».

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار بايلىقى زىچ توپلانغان، بۇ بېيجىڭنىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكى.

90 نەچچە ئالىي مەكتەپ، 1000دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئورنى، 30 مىڭدىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا، 1200دىن ئارتۇق كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى سېلىنمىسى سىجىللىقىنىڭ6ىنى ساقلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى، تېببىي دورا - ساغلاملىقىدىن ئىبارەت تىرىليون دەرىجىلىك ئۈچ كەسىپ توپى، 100 مىليارد دەرىجىلىك يەتتە كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئىلھاملاندۇردى: «بۇ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىياتنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك» «دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك» «بېيجىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى <ئالىي، سەرخىل، ئالدىنقى قاتاردىكى> ئىقتىسادىي قۇرۇلما بەرپا قىلىشقا، بېيجىڭنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا قويۇش كېرەك».

پايتەختنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەش، بۇ، بېيجىڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مەۋقە. سىياسىي مەركەز، مەدەنىيەت مەركىزى، خەلقئارا ئالاقە مەركىزى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭغا بېكىتىپ بەرگەن شەھەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى.

تەكشۈرۈش جەريانىدا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار باش شۇجىغا مۇنداق دوكلات قىلدى: مۇشۇ يىللاردا بېيجىڭ پايتەختنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى مەھكەم تۇتۇپ، توققۇز ئالىي مەكتەپ، 16 ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىنىڭ سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، بېيجىڭ شەھىرى خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا قۇرغان مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى، 4000دىن ئارتۇق بېيجىڭ كارخانىسىنىڭ كۆچۈپ كىرىپ ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ، تارقاقلاشتۇرۇشنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» «<15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاشۇرۇش، ئازايتىشمۇ بولۇش، كاپالەتمۇ، بېسىممۇ بولۇش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك».

ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تاپىلىدى: «<15 - بەش يىل> ياخشى باشلاندى، قەدەم ياخشى ئېلىندى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى، غەيرىتى ئۇرغۇدى، بۇ ياخشى ئىش، ئاچقۇچلۇقى سىياسىي نەتىجە قارىشى چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ ۋە تۈزىتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك».

خەلقنىڭ شەھىرىنىڭ ھارارىتى

«شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھارارەتلىك بولۇشى كېرەك».

يېقىندا، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش» تەلىپى ئىنتايىن روشەن بولدى، «ياشانغانلار، بالىلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن ئورۇنلاشتۇرما ئىنتايىن ئايدىڭ بولدى.

2013 - يىلى 12 - ئايدا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەيديەن رايونى سىجىچىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كېلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

شىنجيېكوۋدىكى «ۋۇلاۋ . شىنجيې» غەربىي شىمال 2 - ئايلانما يولى ئىچىدىكى بېيساۋچاڭ خۇتۇڭىغا جايلاشقان.

بۇ قىسقىغىنا نەچچە يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كونا شەھەر كوچا رايونى مۇشۇ يىللاردا توسالغۇسىز ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مەركىزى، ياشانغانلار ياتىقى، كوچا باشقارمىسى ئاشخانىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، ئەتراپتا ئولتۇراقلاشقان ياشانغانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا «داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش» قاتارلىق كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

شىنجيېكوۋ كوچا باشقارمىسىدىكى ئاتا - ئانىلار ئاشخانىسى ياشانغاندا كۈتۈنۈش بويىچە غىزالىنىشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ھەرقانداق ياشتىكى كىشىلەر توپىغا يۈزلەنگەن، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى بۇ جايدا غىزالانسا20 ئېتىبار قىلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاشخانىغا كىرگەندە، ئىسسىق تاماقلار ئارقا - ئارقىدىن تاماق ئۈستىلىگە تىزىلدى، دۈملەپ پىشۇرۇلغان ئوكۇن بېلىقى، سىشى ۋەنزە، خېتاڭ قورۇمىسى، بەيجو سەيشىن بار... تۈرى خىلمۇخىل بولۇپ، مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى.

باش شۇجى قورۇما تۈرلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، «ناھايىتى مول ئىكەن» دېدى.

«سىجىل داۋاملاشتۇرالامسىلەر؟» بۇ يىللاردا، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى نۇرغۇن مەھەللە ئاشخانىسىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ خەلققە قولايلىق ياراتقانلىقى، خەلققە نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە «چوقۇم ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش كېرەك» دەپ قايتا - قايتا تاپىلىدى.

«بىز ياشانغانلار ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا يۈزلەنگەندىن سىرت، يەنە ئەتراپتىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىمۇ غىزالانغىلى كېلىدۇ، قولايلىق ھەم ئەرزان، شۇڭا دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئاز پايدا ئالدۇق» دەپ جاۋاب بەردى ئاشخانا مەسئۇلى.

ئاشخانىدا، ئۈچ نەپەر تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ئارام ئېلىۋاتاتتى. تېخى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولمىغان بولسىمۇ، چۈشتىكى يوللانما يەتكۈزۈش يۇقىرى پەللىسىگە تاقاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇلار چوڭ قاچىلىق چۆپ بۇيرۇتۇپ، «چۈشلۈك تاماقنى بالدۇر» يەۋاتقانىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

«يۇرتۇڭلار قەيەردىن؟» «تېز يوللانما يەتكۈزۈۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟»

«80 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئايال تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى ۋۇ جىڭ لياۋنىڭ شېنياڭدىن كەلگەن بولۇپ، بېيجىڭدا تېز يوللانما يەتكۈزۈۋاتقىنىغا 12 يىل بولغانىدى، ئېرىمۇ مۇشۇ كەسىپنى قىلاتتى؛ «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» باشقا ئىككى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى جيا ياسەن، جاڭ رۇيچياڭ خېبېي شىڭتەيلىك يۇرتداشلاردىن بولۇپ، ئىشلەۋاتقىنىغا ئالتە - يەتتە يىل بولغانىدى.

«خىزمەت قىلىپ چارچىدىڭلارمۇ؟» «كىرىمىڭلار قانداق؟» «باھار بايرىمىدا يۇرتۇڭلارغا قايتامسىلەر؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

«تېز يوللانما ھازىر شەھەرنىڭ يۆتكىلىشچان قېنى بولۇپ قالدى، سىلەر ناھايىتى جاپا تارتىۋاتىسىلەر، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى سىلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. مەنمۇ سىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن. سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارنىڭ ياخشى، خىزمىتىڭلارنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت چوقۇم ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشىنى ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك».

يىنلىڭ ياشانغانلار ياتىقى ئاشخانىنىڭ يېنىدا بولۇپ، 110دىن ئارتۇق ياشانغان كىشىنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 87.5 ياش بولۇپ، ئەڭ چوڭ ياشتىكىسى 105 ياشقا كىرگەنىدى.

ئاسراش رايونىدا تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونىدا ياشانغانلارنىڭ ئادەتتە قانداق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بارلىقىنى كۆردى، بىر جۈپ ياشانغان ئەر - خوتۇننىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ تۇرالغۇ مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى... ياشانغانلارنىڭ ئىللىق ئۆيىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ، ئەمەلىي سورىدى.

ئىللىق قۇياش نۇرى ئەينەكلىك تۈڭلۈكتىن چۈشۈپ تۇراتتى، ياشانغانلار چۇنليەن، «»خېتى يېزىۋاتاتتى، سىياھنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، كەيپىيات قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

80 ياشتىن ئاشقان بىر ياشانغان كىشى ئەمدىلا يېزىپ بولغان «»دېگەن خەتنى قولىغا ئېلىپ، جاراڭلىق ئاۋازدا، كۆپچىلىكنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى: «بۇ جاي بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىز، ھازىر كۈنلىرىمىز خۇشال - خۇرام ئۆتۈۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. بىز گۈللەنگەن دەۋردە ياشاۋاتىمىز، پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەنگە رەھمەت ئېيتىمىز. ياشانغانلارمۇ قالتىس ياشىشى، جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ ياشىشى كېرەك.»

«توغرا ئېيتتىڭىز! مانا بۇ بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ دۆلەت مۇھەببىتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

«ئۆز ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە، باشقا ياشانغانلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشانغانلار، بالىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ياشانغانلار بىزنىڭ بايلىقىمىز، نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش سوتسىيالىستىك تۈزۈمىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ ئىپادىسى، ياشانغانلارنى سۆيۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى؛ <بالىلار> بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، ئۇلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»

«ياشىنىپ قالغان بولساڭلارمۇ ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادىنى ساقلاپ رولىڭلارنى جارى قىلدۇرۇڭلار، تېنىڭلار سالامەت، ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسۇن، باھار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.» ياشانغانلار ياتىقىنىڭ چوڭ زالىدا خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، ئىللىق كەيپىيات ئۇرغۇدى.

ئادەم بىلەن شەھەرنىڭ مۇناسىۋىتى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى سىنايدۇ.

خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان پايتەخت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بويىچە شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بېيجىڭ بۇ جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى، <ئىلتىماس - تەلەپنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش>، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، خىلۋەت، تار كوچىلارنى تۈزەش، كىچىك باغچە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەجرىبىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدۇ».

شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى بېيجىڭنىڭ 12345 مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى، 2025 - يىلى ئاممىنىڭ 20 مىليوندىن ئارتۇق ئىلتىماس - تەلىپىنى قوبۇل قىلدى، ھەل قىلىش نىسبىتى، رازى بولۇش نىسبىتى97تىن ئاشتى. «بۇ جەھەتتە بېيجىڭ ياخشى تەجرىبىگە ئىگە، ئۇنىڭدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك».

بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق تونۇشتۇردى: بېيجىڭ «كەشتە تىكىش ماھارىتى» بىلەن شەھەر بوشلۇقىنى پىلانلاش ۋە تۈزەشنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇردى، بوشىتىلغان بوشلۇق ئاساسلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش ۋە بوشلۇق قالدۇرۇپ يېشىللىقنى كۆپەيتىشكە ئىشلىتىلدى، بۇ، پۇقرالارنى ئىشىكتىن چىقىپ يىراققا بارمايلا ئېكولوگىيەنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭنىڭ بوشلۇق قالدۇرۇپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش، بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىش، كىچىك باغچە، كىچىك، مىكرو يېشىللىق ۋە شەھەر ئورمانلىقىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. «بىز بۇ خىزمەتنى قەتئىي بوشاشماي، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەختتىكى قاينام - تاشقىنلىق

3000 يىلدىن ئارتۇق شەھەر قۇرۇش تارىخى ۋە 800 يىلدىن ئارتۇق پايتەخت قۇرۇش تارىخى قەدىمىي شەھەرنىڭ جەلپكارلىقى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىنى يۇغۇردى، «شەھەر خاتىرىسىنى ساقلاپ قېلىش، كىشىلەرنى يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» باشتىن - ئاخىر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم تېما بولۇپ كەلدى.

دۇڭچېڭ رايونىغا جايلاشقان لۇڭفۇسى كوچا رايونى 600 يىللىق تارىخ مۇجەسسەملەنگەن بىر مەدەنىيەت يەر بەلگىسى.

مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى «شياڭخويۈەن»نىڭ ھەيۋەتلىكلىكىدىن، 100 يىل ئىلگىرىكى «ۋېنمياۋخۇي»نىڭ قىياپىتىگىچە، يەنە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇڭسى خەلق بازىرىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈشىگىچە، ھەربىر بۆلەك تارىخ ئۇنىڭغا يېڭى مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ رايون يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بوشلۇق تۈزۈلۈشىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت تەسىراتىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە دەۋر تومۇرىنى ھېس قىلىدىغان توردا ئالقىشلانغان داكا جايغا ئايلاندى.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ لۇڭفۇسى كوچا رايونىغا كېلىپ، كوچا ياقىسىدىكى بېيجىڭنىڭ كونا داڭلىق داۋشياڭسۈن پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىغا كىردى.

زاۋخۇاسۇ، نيۇشېبىڭ، مىسەنداۋ... ھەر خىل ئەنئەنىۋى تەملىك پىشۇرۇقلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى، سودىگەرلەر يەنە پېچىنە - پىرەنىكلەرگە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوشۇپ، «جىڭچېڭ مىڭشېڭ» «تيەندىيەن شىيوۋ» «دۇڭفاڭ گۇيۈن» قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، چېۋەر قول بىلەن نەپىس شەكىل چىقىرىپ، كونا ماركىلارنى يېڭى مودىغا ماسلاشتۇرغانىدى.

دۇكان خىزمەتچىسى باش شۇجىغا بېيجىڭ داۋشياڭسۈننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە 1000دىن ئارتۇق تور نۇقتىسى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: «مەن بېيجىڭنىڭ كونا ماركىلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن، ھازىر بەزى كونا ماركىلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھاياتىي كۈچىنى قانداق ئۇرغۇتۇش كېرەك؟ بۇ ئاددىيلا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ قويۇش ئەمەس، ھەقىقىي ماھىيەتلىك مەزمۇننى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك.»

ھازىر دەل كىچىك باھار بايرىمى بولغاچقا، لۇڭفۇسى سودا كوچىسىدا قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتى ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى. پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، كونا ماركىدىكى تاۋارلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرى، بېيجىڭچە تەمگە ئىگە مەززىلىك تائاملار قاتارلىق باھار بايرىمىلىق مال يايمىلىرى رەت - رەت تىزىلغانىدى.

كەمپۈت قىيامىدا شەكىل چىقىرىش، پاختا كەمپۈت، تاڭخۇلۇ، شېكەر بىلەن قورۇلغان كاشتان، قولدا رەخت توقۇش ھۈنىرى، كۈمۈش بېزەك، قەغەز قىيما، ئالتۇن ھەل بېرىپ نەقىش چىقىرىش... باش شۇجى شى جىنپىڭ زور قىزىقىش بىلەن يايما ئورنى ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ كۆزدىن كەچۈردى، يەنە بىرنەچچە خاس يېمەكلىك ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «لۇڭفۇسىدا قاينام - تاشقىنلىق كەيپىيات ناھايىتى قويۇق. ئىلگىرى <جەنۇبتا فۇزىمياۋ بار، شىمالدا لۇڭفۇسى بار> دېگەن گەپ بار ئىدى، بۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ناھايىتى چوڭقۇر، بىز چوقۇم ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ بېيجىڭ مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى ئورگانىك يۇغۇرۇشى كېرەك».

كىشىلەر باش شۇجىنى چۆرىدەپ تۇردى، چاۋاك ئاۋازى، ئالقىش ساداسى گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيەتتى. بالىلار شادلىققا چۆمۈپ، بەس - بەستە شى بوۋىسىدىن ئەھۋال سورىدى، شى بوۋىسىنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئوماق بالىلارنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇلاردىن قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى، قانچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغانلىقىنى، دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇقىنىڭ كۆپ ياكى كۆپ ئەمەسلىكىنى سورىدى، بالىلارغا سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «دالا تەنھەرىكىتىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، بەدىنىڭلارنى تېخىمۇ ياخشى چېنىقتۇرۇڭلار، ئىمتىھان نەتىجىسى پەقەت بىر تەرەپ، ئالدى بىلەن ساغلام ئادەم بولۇپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىڭلار» دەپ تاپىلىدى.

كوچا بويىدىكى سەھنىدە، بىر بۆلەك جىڭشى تەيپىڭ دۇمبىقى ئويۇنى كۆرسىتىلىۋاتقان بولۇپ، دۇمباقلار چېلىنىپ، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى: «باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، <كىچىك باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش>، باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش پۇقرالار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا چوڭ ئىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى كۆڭۈللۈك، خۇشال - خۇرام ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».

ھەممە ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى، چوڭ - كىچىك ھەممەيلەننىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشى دەل جاھاندىكى گۈزەل مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)