«قىلچىمۇ توسالمىدى مىڭلارچە دەريا، تاغ-داۋان —— جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەخسۇس كۆرگەزمىسى» 2-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدا باشلاندى. كۆرگەزمىگە جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى گۈيجوۋ ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى بىلەن زۈنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

«قىلچىمۇ توسالمىدى مىڭلارچە دەريا، تاغ-داۋان —— جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەخسۇس كۆرگەزمىسى» 2-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدا باشلاندى. (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شياۋيۈ فوتوسى
كۆرگەزمە «ئېقىن . مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ئىرادە»، «ئوتلاق . يوشۇرۇن ئۈمىد»، «قاتمۇقات تاغ . تىز پۈكمەس ئابىدە»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، تاغ-دەريالارنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ بايان قىلىپ، ئۇزۇن سەپەردىكى ھالقىلىق جەڭ، جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەرنى جانلىق قايتا نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، زۈنيى يىغىنى خاتىرە سارىيىدىن ئارىيەت ئېلىپ كۆرگەزمە قىلىنغان 20 (يۈرۈش) مەدەنىيەت يادىكارلىقى تۇنجى قېتىم شاڭخەيدە مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ، زۈنيى يىغىنى مەجلىسخانىسىدىكى تام سائىتى، «قىزىل يۇلتۇز(红星)» گېزىتى، قىزىل ئارمىيە ھەربىي سۇدىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا قىزىل ئارمىيەنىڭ پولاتتەك ئىنتىزامى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ دوستلۇقى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

كۆرگەزمىدىكى كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ قۇرۇلمىسى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە چۆكۈش شەكلىدە كۆرگەزمە بوشلۇقى يارىتىپ بەردى (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ يىڭ فوتوسى
كۆرگەزمىدە كۆرۈنۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رەقەملىك پىرويېكسىيە، ئاۋاز ئۈنۈمى قۇرۇلمىسى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇپ ھېس قىلىشتىن پايدىلىنىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى كۆرگەزمە بوشلۇقى بەرپا قىلىنىپ، تارىخىي تەپسىلاتلار تېخىمۇ جانلىق ۋە تەسىرلىك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
كۆرگەزمە 2026-يىلى 5-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. (مۇخبىر چېن شياۋيۈ)
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى