مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

2026-02-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسىباھار بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خۇ جىنتاۋ، جۇ رۇڭجى، لى رۇيخۇەن، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، لو گەن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۇەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، سۈن چۇنلەن، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، چېن چۈەنگو، گو شېڭكۇن، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، يوۋ چۈەن، لى تيېيىڭ، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، شېڭ خۇارېن، لۇ يۇڭشياڭ، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، جاڭ باۋۋېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، بەيما چىلىن، تاڭ جياشۈەن، دەي بىڭگو، چاڭ ۋەنچۈەن، جاۋ كېجى، خەن جۇبىن، جيا چۇنۋاڭ، سۇڭ جيەن، خۇ چىلى، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۇيشيەن، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۇي، بەي لىچېن، چېن كۇييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، لى ۋۇۋېي، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۇەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، ئۇلارغا بايراملىق سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: «14 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى. پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەللەرنى يېڭىپ، خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.