مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى

2026-02-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ خىزمەتتىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتىنى كۆرۈپ چىقتى ھەم مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسىپارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى يېقىندا 2025 - يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى. شى جىنپىڭ خىزمەتتىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتىنى كۆرۈپ چىقتى ھەم مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق ئۆزىنى قەدىرلەپ، چىن ئېتىقاد بىلەن ئىشىنىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تەلەپچان بولۇشتا باشلامچى بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.