شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى

2026-02-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىجۈن، سۈن يى) 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىگە باھار بايرىمىلىق ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن دەل جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە باش باھار بولۇپ، باھارنىڭ كەڭ زېمىنغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان، يېڭى باشلىنىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن گۈزەل مەنىگە تولغان بۇ بىر كۈندە جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق پىلانلاشنى خالايمەن. پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: باش باھار مەۋسۇمىدا بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، توختىماي كۈرەش قىلىش روھى ئارقىلىق زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا بىز ئىككى قېتىم سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. ئىككى دۆلەت دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى. «جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى» مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئىككى تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى ۋە موسكۋا زۇڭلىلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئارقا - ئارقىدىن مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق كۈچ چىقاردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلىنىدىغان يىل، جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. بۇ يىل يەنە جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى ۋە «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى» باشلىنىدىغان يىل. ئىككى تەرەپ تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىدىغان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق توغرا يولنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەت بارغانسېرى داۋالغۇماقتا. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى ئورتاق خاتىرىلەپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو خەلقى زور قۇربانلىق بېرىپ قولغا كەلتۈرگەن دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدىدى، تارىخىي چىنلىقنى قەتئىي قوغدىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتى، پۇختا ئەمەلىيلەشتى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، مەدەنىيەت يىلى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى. يېڭى بىر يىلغا نەزەر سالساق، رۇسىيە تەرەپنىڭ رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلارغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ شېنجېندا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋاڭ يى پائالىيەتكە قاتناشتى.